تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

ماركسىزمنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيلى

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزىدىن خەن جېنلى

   پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكى كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى تېخىمۇ روشەنلەشتى. ماركسىزم سوتسىيالىزم ئىدېئولوگىيەسىنىڭ بايرىقى ۋە جېنى، بىزنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت قۇرۇشتىكى تۈپ يېتەكچى ئىدىيەمىز. ماركس مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ئىدىيە نۇقتىسىدىن كۆزىتىدىغان بولساق، مۇئەييەن ئىدېئولوگىيەنىڭ پارچىلىنىشى پۈتكۈل دەۋرنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولالايدۇ. يولداش ماۋ زېدۇڭمۇ مۇپەسسەل ھالدا مۇنداق كۆرسەتكەن: بىر ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن جامائەت پىكرى توپلاش، ئالدى بىلەن ئىدېئولوگىيە جەھەتتە خىزمەت ئىشلەش كېرەك. ئىنقىلابىي سىنىپلار شۇنداق قىلىدۇ، ئەكسىلئىنقىلابىي سىنىپلارمۇ شۇنداق قىلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: بىز ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە سۆز ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىشىمىز كېرەك، ھەرقانداق ۋاقىتتا بۇ ھوقۇقلارنى باشقىلارغا بېرىپ قويۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئورنىنى تولدۇرغۇسىز تارىخىي خاتالىق ئۆتكۈزىمىز. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك ئىنتايىن مۇھىم خىزمىتى. ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش – ئىشلىيەلمەسلىك پارتىيەنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مىللەتنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى ۋە ئىنتىلىشچانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يولداش شى جىنپىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ: ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى تېخىمۇ روشەنلەشتى، دەپ كۆرسەتتى. بۇ يەكۈن بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ پىرىنسىپى ۋە يۆنىلىشىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىپلا قالماستىن، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتىمۇ مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

   بىرىنچى، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھاسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىملىقى

   ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى چوڭقۇر نەزەرىيە ئاساسىغا ئىگە. ماركسىزم مۇكەممەل ئىلمىي سىستېما بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئەڭ ئىلمىي دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيە ھېسابلىنىدۇ، ئۇ كىشىلەر جەمئىيىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىلمىي ئېچىپ بەردى، ئۇ ئادەمنىڭ ئەركىن، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ، سوتسىيالىزم، ئىنسانىيەت ئازادلىقى ۋە پىرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى تەشەببۇس قىلىدىغان نەزەرىيە. جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھاتنىڭ نەتىجىلىرىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقلارنى تۈزىتىپ، نۇرغۇن جاپا – مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ قولغا كەلتۈرگەن. دۆلىتىمىزدە يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىدېئولوگىيە ماركسىزمدۇر. ئىدېئولوگىيە قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىش قاتارلىق مۇھىم سىياسىي يۆنىلىش مەسىلىلىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزمنىڭ ئەمەلىيەتچىللىقى، ئوچۇقلۇقى ۋە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان نەزەرىيەۋى خىسلىتى ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىگە كاپالەتلىك قىلغان.

   ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى تارىخىي ئاساسقا ئىگە. تارىخىي نۇقتىدىن قارىغاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوخشاش بولمىغان تارىخىي باسقۇچلاردا ئاساسلىق زىددىيەت ۋە ئالاھىدە زىددىيەتلەرنى توغرا تېپىپ، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، بەزى ئالاھىدە سىياسەت، جانلىق تەدبىرلەرنى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ تۈزۈپ چىقتى. مەسىلەن: پارتىيەمىز شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تارىخىي جەريانىدا ماركسىزملىق مېتودولوگىيەدىن پايدىلىنىپ مەسىلىلەرنى تونۇشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇردى، تەرەققىي قىلىۋاتقان ماركسىزم بىلەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇردى؛ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا ھەر قېتىم سىياسەت بەلگىلىگەندىمۇ، ماركسىزملىق پەلسەپە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلىدى. ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ماركسىزمنى ئاممىبابلاشتۇرۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسى، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› تەربىيەسى ۋە ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تەربىيەسى قاتارلىقلارمۇ ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تۇرغۇزۇش ۋە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇستەھكەم تارىخىي ئاساس سالدى.

   ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنىڭ رېئال ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. جەمئىيەتتە ئىدىيەۋى قاراش كۆپ خىللاشقانسېرى، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا تېخىمۇ چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش كېرەك. مۇشۇ سەۋەبلىك، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ئىدېئولوگىيە قۇرۇلۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تېما بولۇپ قالدى.

   ئىدېئولوگىيە پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، پارتىيەنىڭ ھايات – ماماتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ھەرقانداق بىر پارتىيە ئىدېئولوگىيە تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەك، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنىڭ مۇقىم بولۇشى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسى ۋە دەرىجىسىگە باغلىق. 18 – قۇرۇلتايدىن بۇيان پارتىيە ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاساسلىق ئۇتۇقلار ۋە تەجرىبىلەرنى ئىلمىي يەكۈنلىدى، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى ۋە پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق ياراتقان نەتىجىلىرىنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ شەرھلىدى.

   ئىككىنچى، ماركسىزمنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشنىڭ تەخىرسىزلىكى

   ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەش ناھايىتى كەسكىن، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچى ئورنىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ناھايىتى مۇھىم ۋە تەخىرسىز خىزمەت بولۇپ قالدى.

   ماركسىزمنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا، غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەر دۆلىتىمىزنى غەربلەشتۈرۈش، بۆلۈۋېتىش ئىستراتېگىيەلىك غەرىزىدىن ئەزەلدىن ۋاز كېچىپ باقمىدى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە سىڭىپ كىرىشنى توختىتىپ باقمىدى؛ شىنجاڭنىڭ ئىچى – سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر بولسا تېخىمۇ كۆپ ئادەم ۋە مالىيە كۈچىنى ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە يۆتكىدى. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئومۇمىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمىتى ئىنتايىن مۇھىم، بىز ماركسىزمنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بازىنى باشتىن – ئاخىر چىڭ ساقلاپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.

   ماركسىزمنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ نەتىجىلىرىدىن بەھرىلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان ئىنتىلىشچانلىقى ۋە ئۇيۇشقاقلىقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

   ماركسىزمنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا، بىر خىل ئاساسىي ئېقىمدىكى سوتسىيالىزم ئىدېئولوگىيەسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، جەمئىيەت ئەزالىرىنى ئاساسىي ئېقىمدىكى ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيە بەلگىلىگەن يۆنىلىشنى بويلاپ بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ توغرا ۋە ساغلام يۆنىلىشنى بويلاپ تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

   ئۈچىنچى، پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى بوشاشماي كۈچەيتىش كېرەك

   پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدىكى تۈپ ۋەزىپىسى  ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىكى ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش.

   شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ناھايىتى كەسكىن ۋەزىيىتىگە قارىتا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىيىتىنى كۆزلەپ، مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ماركسىزمنىڭ تۈپ قائىدىسىنى تەتبىقلاپ، شىنجاڭنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تارىخ، رېئاللىق ۋە كەلگۈسىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك يەكۈن چىقاردى، شىنجاڭ خىزمىتىدىكى بىر قاتار زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، دەپ كۆرسەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە قۇرۇلۇشىغا كۈچەپ، بىر قاتار ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ئېتىپ، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى، ئاساسىي مېلودىيەنى تېخىمۇ ياڭراتتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنىڭ ئىناق ھەم مۇقىم بولۇشىغا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

   شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجە، 21 – ئەسىردىكى ماركسىزم. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي – ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە سۆز ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت›› ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، بايرىقىمىز روشەن ھالدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كەڭ ھەم چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەنبەدىن ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يامانغا لەنەت ئوقۇپ، ياخشىنى مەدھىيەلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ تارىخنى بۇرمىلىشى، ئىدېئولوگىيەنى قالايمىقانلاشتۇرۇشىنىڭ رېئال زىيىنى ۋە رەزىل نىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››نى پۇختا تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى يارىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى