تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

سىياسىي قۇرۇلۇشنى چىڭ تۇتايلى

خوتەن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دو جىفېڭ

   پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ئومۇمىي تەلەپ قويۇلدى، تەشكىلات سىستېمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاڭلىق ھالدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ كۈچلۈك تەشكىلىي ۋە سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

   بىرىنچى، ‹‹ئەڭ كۈچلۈك سادا››نى يەتكۈزۈپ، سىياسىي جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىسىنى قوراللاندۇرۇشى، ئېتىقادىنى چىڭىتىشى كېرەك. ئىشنى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشتىن باشلاپ، غايە – ئېتىقادنىڭ نۇرلۇق چىرىغىنى ياندۇرۇش كېرەك. ماركسىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى جانلىق ئۆگىنىپ ۋە ئىشلىتىپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى بىرىنچى سىياسىي پەزىلەت قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇش، نەمۇنىلىك بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. ئىشنى پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشتىن باشلاپ، ئۆز – ئۆزىنى ئانالىز قىلىش ئەينىكىنى تىكلەش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ سادىق ئېتىقادچىلىرى ۋە قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشقا تىرىشىشقا يېتەكلەش كېرەك؛ پارتىيە نىزامنامىسى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى باشتىن – ئاخىر پارتىيەنىڭ قائىدىسى ۋە ئىنتىزامى بىلەن سۆز – ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئىشنى دائىملىق تەربىيەدىن باشلاپ، تەربىيەلەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

   ئىككىنچى، ‹‹سۈزگۈچ›› ئورنىتىپ، سىياسىي ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. تەشكىلات تارماقلىرى ئادەم تاللاش – ئىشلىتىش مۇھىم خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان، ‹‹20 خەتلىك›› ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى قاتتىق يولغا قويۇشى، ئادەم تاللاش – ئىشلىتىشتە توغرا يۆنىلىشنى بېكىتىشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياخشى كادىر ئۆلچىمىگە باشتىن – ئاخىر سېلىشتۇرۇپ، ‹‹ياخشى كادىرغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىش، ئۇلارنى نەتىجە يارىتالايدىغان قىلىش››تەك ئادەم تاللاش – ئىشلىتىش سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئادەم تاللاش – ئىشلىتىشتىكى باھالاش ئۆلچىمىنى چىڭىتىش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە تەكشۈرۈش مەزمۇنلىرىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلارنىڭ سىياسىي ساداقەتمەنلىك، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە سىياسىي ئىنتىزامچانلىق تەرەپلىرىنى تۈرلەر بويىچە نۇقتىلىق باھالاپ بېكىتىپ، ئادەم تاللاش – ئىشلىتىشتىكى تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ تەدبىرلىرىنى دەرىجىمۇ دەرىجە تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، باھالاش ۋە تاللاش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلار ئىستىقباللىق بولىدىغان، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك›› قىلىدىغانلار ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلەر›› يوشۇرۇنىدىغان جاي تاپالمايدىغان قويۇق كەيپىياتنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

   ئۈچىنچى، ‹‹جەڭگىۋار قورغان››نى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئاشۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى بەنزىسىنى كۈچلۈك سەپلەپ، ‹‹1 – قول››نىڭ سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك بولۇشىغا، بەنزىنى يېتەكلەش، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بىر تۇتاش تۇتۇش، ئۈلگە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتىكى رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. كۈچلۈك بولغان تەشكىلىي تەدبىر، باھالاش تەدبىرى، رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش – تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلىگەن، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرگەن كادىرلارنى ۋاقتىدا تەقدىرلەش؛ قۇرۇق گەپ سېتىشنىلا بىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلمايدىغان كادىرلارنى قەتئىي تەڭشەش؛ ساختىپەزلىك قىلغان، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان كادىرلارنى قەتئىي جازالاش كېرەك. دىققەتنى مەركىزىي خىزمەتكە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاجىزلىق، بوشاڭلىق ۋە چېچىلاڭغۇلۇقنى تۈزەش، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش بىلەن تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

   تۆتىنچى، ‹‹نازارەت كىلاپانى››نى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىنتىزامنى كۈچەيتىش كېرەك. تەشكىلات تارماقلىرى نازارەت قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ ۋە ماھىر بولۇپ، كادىرلارنى قاتتىق نازارەت قىلىش خىزمىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، پىكىر بايان قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك؛ پارتىيە ئەزالىرى چوڭ يىغىنى، ياچېيكا يىغىنى ۋە پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنىنى قەرەللىك ئېچىش كېرەك؛ تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىدنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، سەمىگە سېلىش، پېشىنى تارتىپ قويۇش، قىزارتىشنى كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشتىكى يېڭى نورمال ھالەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. كادىرلارنى كۈندىلىك باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش ۋە ۋەزىپىگە قويۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى خاتىرىلەش، چاتىقى بار كادىرلارنى ئۆستۈرگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ ۋە يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. نازارەت قىلىش خىزمىتىنى مەسئۇلىيەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى ‹‹باھالاش ئۆتكىلى››نى چىڭ تۇتۇپ، كادىرلارنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى پارتىيە قۇرۇلۇشى بويىچە باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، پارتكوم(پارتگۇرۇپپا) شۇجىلىرىنىڭ كادىرلارنى نازارەت قىلىشتىكى مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش شەمشىرى››دىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئادا قىلمىغان، كۈچلۈك تەدبىر قوللانمىغانلارنى ۋاقتىدا ئاگاھ سۆھبىتىگە چاقىرىش كېرەك؛ مەسىلە كۆپ يۈز بەرگەن، ناتوغرا ئىستىل ئەۋج ئالغان ئورۇنغا قارىتا، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كەلگەنلىرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى