تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

ماركسىزم بايرىقىنى ئالىي مەكتەپتە جەۋلان قىلدۇرايلى

مۇخبىرىمىز جاۋ چۈنخۇا

   سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق زامانىمىز ياشلىرىنى ماركسىزمدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ بىلىش نەزەرىيەسى بىلەن ياشلىق ئارزۇسىغا يېتىشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ماركسىزملىق ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتتىن ئىبارەت ئاساسىي بازىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ئۆتۈش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش بىلەن مول مەزمۇندىكى ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، زامانىمىز ياشلىرىنى توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشى تىكلەشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ماركسىزم بايرىقىنى مەكتەپتە جەۋلان قىلدۇردى.

   دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي دەرسنى ئوقۇغۇچىلارغا يېقىنلاشتۇرۇش

   ئوقۇغۇچىلارغا ماركسىزمنىڭ ئىچكى مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈش، ئىدىيەۋى – سىياسىي دەرسنى ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ جەلپ قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتۇش تايانچلىرى ئوقۇغۇچىلار دەرسخانىدا ئۆگىنىشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قايتا ئىجادىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس تېمىدىكى ئوقۇتۇشنى يولغا قويدى؛ ئوقۇتۇش ۋاسىتىسى ۋە ئۇسۇلىدا، ئوقۇتقۇچىلار دەرسنى نۇقتىلىق سۆزلەش، ئوقۇغۇچىلار سىستېمىلىق ھالدا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، كۆپ خىل ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى تەكىتلەپ، ماركسىزمنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭدۈردى.

   4– ئاينىڭ 28 – كۈنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى 2 – نومۇرلۇق ئوقۇتۇش بىناسىدىكى ماركىتېڭ كەسپىدە ئوقۇۋاتقان گۆھەرقىز جېلىل ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسى ھەققىدە ئومۇمىي بايان دەرسى مۇنبەرگە چىقتى.

   پىرويېكتوردا ئۇ گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن تەييارلىغان تاۋار ئىگىلىكى ۋە قىممەت قانۇنىيىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي مەزمۇنلار كۆرسىتىلدى. قائىدىلەر ئىخچام تونۇشتۇرۇلدى، مول مەزمۇندىكى سۈرەتلەر ۋە كارتون لايىھەلىرى ساۋاقداشلارنى جەلپ قىلدى.

   ئىدىيەۋى – سىياسىي دەرسنى ئۆتۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئوقۇغۇچىلارنى سۆزلىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنى ‹‹ماركسىزم قائىدىلىرى بالا مۇئەللىمى›› تۈزۈمىنى يولغا قويدى. ‹‹ماركسىزم قائىدىلىرى بالا مۇئەللىمى››لەرنىڭ بىرى بولغان گۆھەرقىز جېلىل گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن كۇتۇپخانا ۋە ماتېرىيال بۆلۈمىدە كۆپ قېتىم ماتېرىيال توپلىغاندىن سىرت، يەنە توردىن ھەر خىل ماتېرىيال ۋە ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈپ، تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ، ئاخىرى مۇنبەرگە چىقتى.

   تاۋار ئىگىلىكىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى، تاۋار ئىگىلىكىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى تارىخىي شارائىت... گۆھەرقىز جېلىل بىر تەرەپتىن، بۇ قائىدىلەرنى چۈشەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، قولىدىكى مائۇسنى توختىماي مىدىرلىتىپ تۇراتتى، سەككىز مىنۇتلۇق دەرس سۆزلەش ۋاقتىنى توشقۇزۇپ، مۇنبەردىن ئەمدىلا چۈشكەن گۆھەرقىز جېلىلنىڭ چىرايىدىن خۇشاللىق جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئىدىيەۋى – سىياسىي دەرس بەك زېرىكىشلىك بىلىنەتتى، ھازىر دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ماركسىزمنىڭ قائىدىسىگە ئائىت بىلىملەرنى ئۆزلۈكىمىزدىن ئۆگەنگەندىن سىرت، يەنە مۇنبەرگە چىقىپ دەرس سۆزلىيەلەيدىغان بولدۇق. بۇنىڭ بىلەن ئىپادىلەش ئىقتىدارىمىز ئاشتى، ساۋاقداشلارنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي دەرسكە بولغان قىزىقىشىمۇ كۈندىن – كۈنگە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

   شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى زەي يۈ مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلارنى دەرس سۆزلىتىپ، ئوقۇتۇشقا پائال قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارغا ماركسىزمنىڭ قائىدىسىگە ئائىت مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشتۇق.

   ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ھەر خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش

   نەچچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى يېمەكلىك ئىلمى ۋە دورىگەرلىك ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ليۇ يۈتۇڭ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ساۋاقداشلىرى بىلەن ‹‹يېزا ئىگىلىك داشۆسىدە›› ناملىق دىرامىنى تەييارلىدى.

   بۇ دىرامىدا بىر توپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىلەن ئىشسىز قالغان بىر دېھقان ئىشلەمچىنىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن بولۇپ، ئىشسىز قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلىسىدە دېھقانچىلىقتىن ياخشى ھوسۇل ئالالمىغان دېھقان ئىشلەمچىنىڭ كۆڭلى ناھايىتى بىئارام بولغانلىقى، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى جەريانىدا بىر توپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بۇ دېھقان ئىشلەمچى تۇرۇشلۇق كەنتكە كېلىپ، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە كەلگەنلىكى، ئۇلار ئۆگەنگەن دېھقانچىلىق بىلىملىرىگە تايىنىپ، دېھقانلارنىڭ زىرائەتلىرىنىڭ تۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكى تەسۋىرلەنگەن. بۇ دىرامىغا يەنە سوتسىيالىتىك يادرولۇق قىممەت قارىشىغا ئائىت نۇرغۇن مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن.

   شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شياۋنەن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىدىيەۋى – سىياسىي دەرسىنىڭ ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيە ئېلىپ بېرىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، بىز ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى كۈچەيتىش، دەرسخانا نەزەرىيە ئوقۇتۇشى ۋە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇتۇش يولىدا مېڭىش ئارقىلىق، ئىدىيەۋى – سىياسىي دەرسنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىگە ھەقىقىي سىڭدۈرۈپ، ئادەم تەربىيەلەش مەقسىتىگە يەتتۇق ھەم مەكتەپنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئىدىيەۋى – سىياسىي دەرسنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردۇق.

   جاڭ شياۋنەن مۇنداق دېدى: ئوخشاش بولمىغان دەرسنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەمەلىيەت ئوقۇتۇشى مەزمۇنى بولىدۇ، ماركسىزمنىڭ تۈپ قائىدىسى توغرىسىدىكى ئومۇمىي بايان دەرسىنى ئېلىپ ئېيتساق، ‹‹تۈپ قائىدىنى ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتنى كۆزىتىش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىش  شىنجاڭغا ماركسىزملىق نۇقتىئىنەزەر بىلەن قاراش›› تېمىلىق ئىجتىمائىي تەكشۈرۈش پائالىيىتى ۋە ‹‹ماركسىزم قائىدىلىرى بالا مۇئەللىمى›› قاتارلىق ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇردۇق؛ ئىدىيەۋى ئەخلاق جەھەتتە تەربىيەلىنىش قانۇن ساۋاتلىرى دەرسلىرىدە، بىز دىراما ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق.

   ماركسىزم ئۇرۇقىنى ياشلارنىڭ قەلبىدە بىخلاندۇرۇش

   ئىدىيەۋى – سىياسىي دەرسى ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىلغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە پائالىيەتكە قاتنىشىش قىزغىنلىقى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈش بىلەن بىللە، ماركسىزم ئۇرۇقىمۇ ياشلارنىڭ قەلبىدە بىخلىنىپ يىلتىز تارتتى.

   2017– يىلى 3 – ئايدا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى تەشكىلات بۆلۈمى ۋە ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ماركسىزم جەمئىيىتى قۇرۇلدى. بۇ مەكتەپ بويىچە قۇرۇلغان بىردىنبىر نەزەرىيەۋى جەمئىيەت بولۇپ، دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش كەسپىنىڭ 4 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاڭ ديەننىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان.

   ۋاڭ ديەن مۇنداق دېدى: 2016 – يىلى مەن شەرەپ بىلەن جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىردىم، ئىدىيەۋى – سىياسىي دەرسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، جۇڭگو كومپارتىيەسىگە بولغان تونۇشۇم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، شۇنداقلا ئەتراپىمدىكى پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرى بىلەن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ماڭا ئوخشاش ماركسىزمنىڭ نەزەرىيەۋى بىلىملىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئۆگىنىشكە تەشنا ئىكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن، مۇشۇنداق جەمئىيەت قۇرۇش ئويىغا كەلدىم.

   بۇ جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، داشۆ ۋە شۆيۈەندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمىتىگە يېقىندىن ماسلىشىپ، تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنلىرىدا ئېقىم مەسىلىلىرىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ماركسىزمغا ئائىت نەزەرىيەۋى بىلىملەر، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى، پارتىيە تارىخى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرىنى پائال تەشۋىق قىلدى. ھازىر بۇ جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى 100دىن ئاشتى، ئۇلار مەكتەپنىڭ ھەرقايسى كەسىپلىرى ۋە يىللىقلىرىدىن بولۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىنى پائال تەشۋىق قىلماقتا.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى