تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

ماركسىزملىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتايلى

شىنجاڭ پېداگوگىكا داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىدىن شياۋ جىيۈەن

   باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ماركسىزم بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇشىمىز، دۆلەت قۇرۇشىمىزدىكى تۈپ يېتەكچى ئىدىيە. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ ناھايىتى ئاجىز جۇڭگونى دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان سوتسىيالىستىك قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا ئۇتۇق قازانغانلىقىنىڭ مۇھىم ‹‹سىر››ى ماركسىزمغا بولغان يۈكسەك ئېتىقادتا چىڭ تۇرغانلىقىدا، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقادىنىڭ چىڭ بولغانلىقىدا. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ماركسىزمنى يېتەكچى قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك.

   ماركسىزملىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتىشتا، ماركسىزمنىڭ ئىدىيە جەۋھىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت كۈچىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى››دىكى ئىلمىي قائىدە ۋە ئىلمىي روھنى پارتىيەنىڭ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلاش كېرەك. ماركسىزم ھازىرغىچە بولغان ئەڭ ئىلمىي، ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ زور ھاياتىي كۈچكە ئىگە نەزەرىيە سىستېمىسىدۇر. بىز باشتىن – ئاخىر ماركسىزملىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا كوممۇنىزم ئۇلۇغ غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك؛ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت زامانىمىزدىكى جۇڭگوچە ماركسىزمنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭ قائىدىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ھەقىقىي چۈشىنىپ، ھەقىقىي ئىشىنىپ، ھەقىقىي پايدىلىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ماركسىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق مېڭىنى قوراللاندۇرۇشىمىز، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز ۋە خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتا يولۇقۇۋاتقان ھەر خىل قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار ئالدىدا، ماركسىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى باشتىن – ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ توغرا يېتەكچىلىكىدە، ھەر قانداق خېيىم – خەتەردىن قورقماي، ھەرقانداق كاشىلا ئالدىدا گاڭگىراپ قالماي، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، رولىمىزنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي – ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز شەرت.  

   ماركسىزملىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتىشتا، يادروغا قەتئىي سادىق بولۇپ، يادرونى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، يادروغا قەتئىي يېقىندىن ئەگىشىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدە قىلىش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى قەتئىي ياخشى ئېتىشىمىز كېرەك؛ پارتىيە ۋە خەلققە باشتىن – ئاخىر سادىق بولۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش بىلەن پارتىيەنى سۆيۈش ۋە سوتسىيالىزمنى سۆيۈشنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ پىرىنسىپال مەسىلىدە بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىپادە بىلدۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلەر››گە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك؛ ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى تەربىيەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قەتئىي ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ۋە قوغدىغۇچىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك.

   ماركسىزملىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتىشتا، خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ماركسىزم ئەڭ كۆپ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى››نى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ياخشى تەتبىقلاپ، باشتىن – ئاخىر خەلقنى كۆڭلىمىزگە چىڭ پۈكۈپ، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك؛ تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيالايدىغان، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان، ئۆيسىزلەر ئۆيگە، ئاجىزلار يار – يۆلەككە ئېرىشەلەيدىغان بولۇشتا تىرىشىپ ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

   ماركسىزملىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتىشتا، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچى ۋە قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقىنى ساقلاپ قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى›› ماركسىزمنىڭ پارتىيە قۇرۇش ئىلمى ئۈچۈن نەزەرىيەۋى ئاساس سېلىپ بەردى. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم كاپالەت. نۆۋەتتە پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى خەلقئارا مۇھىت، ئىقتىسادىي ئاساس ۋە ئىجتىمائىي شەرت – شارائىت قاتارلىقلاردا زور ھەم چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، پارتىيە دۇچ كەلگەن ‹‹تۆت چوڭ سىناق›› ۋە ‹‹تۆت خىل خەۋپ›› ئۇزاق مەزگىللىك، مۇرەككەپ ۋە كەسكىن، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋەزىپىسى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ ئېغىر ھەم مۈشكۈل. بىز ماركسىزمنىڭ پارتىيە قۇرۇش ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىشىدا ئېغىشماي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن ۋە سىياسەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىزچىللىشىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلەپلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇشنى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى خىزمىتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەۋقەسى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىجرا كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى سىناشنىڭ تەلىپى قىلىپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى ۋە ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي قوللانما بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

   ماركسىزم ھەقىقەتنى ئاخىرلاشتۇرماي، بەلكى ھەقىقەتكە تۇتىشىدىغان يولنى ئېچىپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: دەۋر بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىلەپ، خەلق بىلەن تەقدىرداش بولۇپ، دەۋر ۋە ئەمەلىيەت ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تېمىلارغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە جاۋاب بېرىش ماركسىزمنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالغانلىقىنىڭ سىرىدۇر. بىز ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۇنىڭغا باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇللارنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق ياراتقان نەتىجىلىرى بىلەن ئىدىيەنى تېخىمۇ ياخشى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتىشنى پۈتمەس – تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.     
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ