تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

قېيىنئانىڭىزغا قانداق گەپ قىلىشنى بىلەمسىز؟

    مىسال: قېيىنئاناملارنىڭكىگە تۇنجى قېتىم تاماققا بارغاندا ياخشى تەسىر قالدۇرۇش ئۈچۈن قېيىنئانام ئەتكەن تاماقنى تازا ماختىدىم، نەتىجىدە قېيىنئانام قىلچە يۈز-خاتىرە قىلماي: سىزمۇ تاماقنى ماڭا ئوخشاش ئوخشىتىپ ئېتەلىشىڭىز كېرەك جۇمۇ،-دېدى. شۇ ھامان جىمىپلا كەتتىم، كاللامغا شۇئان قېيىنئانام بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈش قىيىنغا توختامدۇ نېمە؟ دېگەن ئوي كەلدى.

    ئەمەلىيەتتە بۇ بىر جۈملە گەپنىڭ ئىشى. ئوخشاش بولمىغان جاۋاب ئوخشاش بولمىغان نەتىجە پەيدا قىلىدۇ.
    مەسىلەن: تۆۋەندىكىدەك جاۋابلارغا 70 نومۇر بېرىلىدۇ:
    «راست دەيسىز ئاپا، سىزدىن كۆپرەك ئۆگىنىمەن. كەلگۈسىدە سىزدەك ئوخشىتىپ تاماق ئېتەلەيدىغان بولالىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن.»
    مانا بۇ پوزىتسىيە ناھايىتى سەمىمىي بولدى، ئەمما ياسالمىلىق قىلغاندەك تەسىر بېرىپ قويىدۇ، ئەمەلىيەتتە يەنە ئازراق تۈزىتىش كىرگۈزسەك 80 نومۇرغا لايىق جاۋابقا ئېرىشەلەيمىز.
    «تاماقنى سىز ئەتكەندەك ئوخشىتىپ ئېتىش ئۈچۈن تىرىشىمەن!»
    بۇنىڭدا چوڭلارنى ھۆرمەتلىگەن پوزىتسىيە بەكرەك ئىپادىلىنىدۇ، چوڭلار بىلەن بولغان ئالاقىنى تېزلىكتە يېقىنلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
    ئەمدى 100 نومۇرلۇق جاۋابنى كۆرۈپ باقايلى:
    «بۇ ئاسانغا توختىماسمىكىن، چۈنكى سىز ئەتكەن تاماق بەك ئوخشايدىكەن ئاپا، ۋاقتىڭىز يەتسە ماڭا كۆپرەك ئۆگىتىپ قويۇڭ بولامدۇ؟»
    ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ چوڭقۇر نۇقتىدىن ئويلىشىدىغان بولساق، گەپ قىلىشنىڭ بىر خىل ئىقتىدار، بىر خىل ماھارەت بولۇپلا قالماستىن، بىر ئادەمنىڭ ھاياتقا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.
    قېيىنئانىڭىزنىڭ سۆزلىرىدىن ئوغلىنىڭ تۇرمۇشتا ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان جۈپكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ، ئوغلىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان ئاپا ئۈچۈن بۇ گەپ ناھايىتى نورمال ھېسابلىنىدۇ. بۇمۇ سىزنىڭ ئويلىغانلىرىڭىز بىلەن زىت ئەمەس، ئەلۋەتتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى