كانادا غەربىي ئونتارىيو ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دۇنيادىكى 50 مىڭ ئادەمنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن بايقىلىشىچە، ئۆي ئىشلىرىنى تەڭ ئۈستىگە ئالغان ئەر-خوتۇن ئۆي ئىشلىرىنى خوتۇنى ياكى ئېرىلا قىلىدىغان ئەر-خوتۇنلاردىن خۇشال تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ قىياسىغا قارىغاندا، ئەر-خوتۇن ئارىسىدىكى بىرەيلەن %60 تىن ئارتۇق ئۆي ئىشىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋالمىغان ئائىلىلەر ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئائىلە ھېسابلىنىدىكەن.
مۇشۇ يەكۈندىن قارىغاندا، ئەرلەر سىرتتا خىزمەت قىلىپ، ئاياللار ئۆيدە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدىغان ۋە بالا باقىدىغان ئەنئەنىۋى ئائىلىلەردە نىكاھنىڭ بەختلىك بولۇش كۆرسەتكۈچى تۆۋەن بولىدىكەن. بۇنداق ئائىلىلەردە ئەرلەر ئېغىر بېسىم ھېس قىلىدىكەن، ئاياللار ئۆيىگە ئىقتىسادىي كىرىم ئېلىپ كېلەلمىگەنلىكتىن مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى تۆۋەن بولىدىكەن، شۇڭا ئۇلار ئۆزىنى تولىمۇ ئاجىز كۆرىدىكەن. ئاياللار سىرتتا پۇل تېپىپ، ئەرلەر ئۆي ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغان ئائىلىلەردىمۇ ئەر ئۆزىنى خۇشال تۇتالمىغاچ، ئايال بەك چوڭ بېسىم ھېس قىلغاچقا، دائىم مەسىلە كۆرۈلىدىكەن.
بۇ تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئۆي ئىشلىرىنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدىغان ئائىلىلەر ئەڭ بەختلىك بولىدىكەن.
ئەنگلىيە كېنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر پروفېسسورى فرانك فرېدنىڭ قارىشىچە، بۇ تەتقىقات ئەر-خوتۇنغا نىسبەتەن ئۇلارغا مۇستەقىللىق ۋە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى بېرەلەيدىغان ئىشلارنىڭ تۇرمۇشتا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. ئەر-خوتۇن بەزى ئىشلارنى بىرلىكتە قىلسا، ئۆينى تەڭ يىغىشتۇرۇپ، بالىنى تەڭ باقسا، ناھايىتى ئىللىق ۋە يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالالايدىكەن.