تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئوق پويىزىدا تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ پويىزدا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 180 كۈن چەكلىنىدۇ

    ئوق پويىزدا تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ پويىزدا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 180 كۈن چەكلىنىدۇ، بېكەت ھالقىپ پويىزدا ئولتۇرۇپ بېلەت تولۇقلاشنى رەت قىلغۇچىلار بېلەتنى تولۇقلىغاندىن كېيىن ئاندىن قايتا پويىزدا ئولتۇرسا بولىدۇ. يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مەركىزىي مەدەنىيلىك ئىشخانىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ، باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى، ئاكسىيە نازارەتچىلىك ھەيئىتى، تۆمۈر يول باش شىركىتى « بەلگىلىك مۆھلەت ئىچىدە ئېغىر لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ پويىزغا ئولتۇرۇشىنى مۇۋاپىق چەكلەپ جەمئىيەتنىڭ ئىناۋەت سىستېما قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» نى تارقاتتى، ھەر قايسى ساھەلەر پويىزنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورنىدا ئولتۇرۇشى چەكلىنىدىغان لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىنى مەملىكەتلىك ئىناۋەت ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان سۇپىغا جۇغلاپ كىرگۈزۈشكە ئېھتىياجلىق، بۇ تۆمۈر يول باش شىركتىگە ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ. تۆمۈر يولنىڭ يۈرۈش بىخەتەرلىكى ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئالاقىدار كىشى ۋە ئالاھىدە ئېغىر لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ بەلگىلىك مۆھلەت ئىچىدە  پويىزغا ئولتۇرۇشى ياكى پويىزنىڭ يۇقىر دەرىجىلىك ئورنىدا ئولتۇرۇشى چەكلىنىدۇ. بۇ «ئۇقتۇرۇش» 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

    يېقىندا ئېلان قىلىنغان  «بەلگىلىك مۆھلەت ئىچىدە ئېغىر لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ پويىزغا ئولتۇرۇشىنى مۇۋاپىق چەكلەپ جەمئىيەتنىڭ ئىناۋەت سىستېما قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: ئوق پويىزدا تاماكا چەككەن ياكى باشقا پويىزلارنىڭ تاماكا چېكىشى چەكلەنگەن رايونلاردا تاماكا چەككەن يولۇچىلارنى ھەر قايسى تۆمۈر يول ترانسپورت كارخانىلىرى ئۇلارنىڭ پويىز بېلىتى سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدۇ، كۈچكە ئىگە مۇددىتى 180 كۈن.

    بېلىتى يوق پويىزغا ئولتۇرغان، بېكەت ھالقىپ پويىزغا ئولتۇرغان ئۇنىڭ ئۈستىگە بېلەت تولۇقلاشنى رەت قىلغان، ئېتىبار بېرىلىدىغان كىملىك گۇۋاھنامىلىرىنى سۈيئىستېمال قىلغان، ساختا ياكى ئىناۋەتسىز كىملىك بىلەن پويىز بېلىتى سېتىۋالغان؛ ساختا، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن قاتارلىق ئىناۋەتسىز پويىز بېلىتى ياكى يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىپ تولۇقلاپ سۈيئىستېمال قىلغان بېلەت بىلەن پويىزغا ئولتۇرغان يولۇچىلار، قەرز بېلەتنى تولۇقلىغاندىن كېيىن (بېلەتنى تولۇقلىغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ) ، ئاندىن قايتىدىن بېلەت سېتىۋېلىپ پويىزغا ئولتۇرىدۇ. بىرىنچى قېتىم بېلەت قەرز بولۇپ تولۇقلىغان بىر يىل ئىچىدە، يەنە ئۈچ قېتىم يۇقارقىدەك قىلمىش سادىر قىلسا، قەرز بولغان بېلەتنى تولۇقلاپ 90 كۈندىن كېيىن (90 كۈننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ، ئاندىن يەنە بېلەت سېتىۋېلىپ پويىزدا ئولتۇرسا بولىدۇ.

     بېلەت سېتىۋېلىشى چەكلەنگەنلەر تىزىملىكى 12306 تورىدا ئېلان قىلىنىدۇ

    شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۆمۈر يول ترانسپورت تەرتىپى ھەمدە تۆمۈر يول بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان، جەمئىيەتتە ئېغىر ناچار تەسىر پەيدا قىلغان؛ ھاينىغا بېلەت ساتقان، ساختا بېلەت ياساپ ساتقانلىقى تەكشۈرۈپ بايقالغان؛ مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەمۇرىي جازا بېرىلگەن يولۇچىلارنىڭمۇ پويىزغا ئولتۇرۇشى 180 كۈن چەكلىنىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، پويىزغا ئولتۇرۇشى چەكلەنگەن يولۇچىلار تىزىملىكىنىڭ تولۇق ئۇچۇرى ھەر ئاينىڭ بىرىنچى خىزمەت كۈنىدە 12306 تورى، «ئىناۋەت جۇڭگو» تورىدا ئېلان قىلىنىدۇ. تىزىملىك ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يەتتە خىزمەت كۈنىدە ئاشكارىلاش مۇددىتى، ئېلان قىلىنىش مەزگىلىدە ئېلان قىلىنغانلار «12306» يولۇچىلار مۇلازىمەت تېلېفونى ياكى ئالاقىدار تارماقلار باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ