تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

200دىن ئارتۇق دېھقان سانائەت ئىشچىسىغا ئايلاندى

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى: باي ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى. بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ دېھقانلار بەختلىك تۇرمۇش كەچۈردى.

   رىزۋانگۈل كەنجى مىچىغ يېزىسىنىڭ سۆكسۆكلۈك كەنتىدىكى دېھقان. ئىلگىرى ئۇ ئائىلىسىدە ئاتا-ئانىسىغا ياردەملىشىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى، ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش ئۆيى بولۇش ئۇنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئارزۇسى بولۇپ قالغان. ئىككى يىل ئىلگىرى، كەنت كومىتېتىنىڭ ياردىمىدە ئۇ يولدىشى بىلەن ناھىيەلىك شىنلۇڭ نەپىس تالا چەكلىك شىركىتىدە ئىشلىدى، ھەرىكىتى چاققان، جاپاغا چىداشلىق بولغاچقا، ئەر-ئايال ئىككىسى ئايدا 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىش ھەققى ئالدى. تىرىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق ئىككى يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ناھىيە بازىرىدىن 80 كۋادرات مېتىرلىق بىنا ئۆيدىن بىر يۈرۈش سېتىۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «پۇل تېپىپ ئۆز ئالدىمىزغا بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالدۇق، بىز بۇ تۇرمۇشىمىزدىن ئىنتايىن رازى ھەم خۇشال، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىزنىڭ يەنە خۇشال بولۇشى ئۈچۈن ھەر ئىككىلىمىز بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، تىرىشىپ ياخشى ئىشلەيمىز».

   باي ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈردى. دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش، كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇدۇللاپ تۇتاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، بىر تۈركۈم ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى كارخانىلاردا خىزمەت قىلىشقا يۆتكەپ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان خىزمەت ئورنىدا كۈرەش قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىشقا سورۇن ھازىرلاپ بەردى.

   بۇ شىركەتتە ئىشلەۋاتقان ياتۇر يېزا  قاراسۇ كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن مامۇت مۇنداق دېدى: «مەن بۇ شىركەتتە ئىشلەش جەريانىدا موتوسىكىلىت بىلەن ئىشقا كېلىپ-كېتەتتىم، ھازىر ماشىنا سېتىۋالدىم، ئۆز ئالدىمغا ماشىنام بار بولدى ھەم ماشىنىنى ھەيدەپ كېلىپ، كېتىپ، قىينالمايدىغان بولدۇم. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ شىركەتتە تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، ئائىلەمنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا تىرىشىمەن.»

   ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنىڭ كېڭىيىشى بۇ ناھىيەدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ غەيرىتىنى ئاشۇردى، ئىشقا ئورۇنلىشىش غەلىبىلىك بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئىشچىلار باسقۇچ بويىچە كۈرەش قىلىش نىشانىنى بەلگىلىدى. ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق كۈرەش قىلىپ، ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلدى. بۇ زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان توقسۇن يېزا ئاناقىز كەنت ئاھالىسى مەمەت قادىر مۇنداق دېدى: «مەن ئايالىم بىلەن 2015-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ بۇ زاۋۇتقا ئىشلەۋاتىمەن، تېخنىكا ئىگىلىگەندىن كېيىن ئىش ھەققىم كۆپەيدى، بۇلتۇر 2-ئايدا ئەر-ئايال ئىككىمىزنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى 15 مىڭ يۈەن چىقتى، بۇ ئىش ھەققىنى ئالغاندىن كېيىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم،  ھازىر 50-60 مىڭ يۈەندەك پۇل يىغدىم، بۇلتۇر شوپۇرلۇقتا ئوقۇپ پىراۋا ئالدىم، ئەمدى ماشىنا ئېلىشنى ھەم يەنە ئازراق مەزگىل ئىشلەپ ئۆي سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.»

   باي ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەنلىكتىن، ھازىر 200دىن ئارتۇق دېھقان بۇ كارخانىدا ئىشچىغا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ