ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز غالىپ تۇرسۇن خەۋىرى: بۈگۈر ناھىيەسى ئۆتكەن بىر يىلدا سۇ تېجەش تىپىدىكى سۇغىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى مەركەز قىلغان سۇ ئىنشائاتى خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، سۇ بايلىقىنى تېجەپ، سۇدىن ئۈنۈملىك پايدىلىنىپ سۇغىرىش قەدىمىنى تېزلەتتى .
بۈگۈر ناھىيەسى يۇقىرى ئۈنۈمدە سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش تۈرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېزا، كەنتلەردىكى توپلاشتۇرۇپ ۋە بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ يۇقىرى ئۈنۈمدە سۇغىرىش كۆلىمىنى 10 مىڭ موغا يەتكۈزۈپ، سۇ ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملىك تىزگىنلىدى . ئېرىق-ئۆستەڭلەرنىڭ سۇ سىڭمەس قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى سۇغىرىش رايونلىرى ۋە كىچىك تىپتىكى يېزا ئىگىلىكىگە سۇ ئىشلىتىش تۈرلىرىنى ئاكتىپ تۈردە قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭىدىن 31.99 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئېرىق-ئۆستەڭنى، 300 ئورۇندىكى سۇ ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، 129 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا غول ئېرىق-ئۆستەڭنى رېمونت قىلىپ، 12.2 كىۋادرات كىلومېتىر كۆلەمدىكى سۇ-تۇپراقنىڭ بىھۇدە ئېقىپ كېتىشىنى ئۈنۈملىك تىزگىنلىدى.
ئېلېكتىرلەشكەن يەر ئاستى سۇ قۇدۇقلىرىنى «قوش كونتىرول قىلىش»نى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇنسىز قېزىلغان ئېلېكتىرلەشكەن يەر ئاستى سۇ قۇدۇقلىرىنى مەخسۇس تۈزەش بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى ئىنچىكە قانات يايدۇرۇپ، يەرئاستى سۇ بايلىقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى.