17- مارت، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى دېھقانلارنىڭ ئېتىز – ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەم بەرمەكتە
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : كۇچا ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ خانىقىتام يېزىسىنىڭ يېڭىتۇر كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت پارتىيە ياچيكىسىدىن تەشكىللەنگەن ياش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئەمگەك كۈچى يوق ئائىلىلەرنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىغا ياردەم بەردى.