ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى »نىڭ 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا فىرانسىيەلىك 55 ياشلىق بىر ئەر پارىژ سودا رايونىدىكى 187 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر بىناغا يامىشىپ چىققان، بۇنىڭ ۋىدىيوسى توردا تارقالغان بولۇپ، تورداشلار بۇنىڭغا ھەيران قالغان.
55 ياشلىق ئالاين روبېرتنى باشقىلار «فىرانسىيەلىك ئۆمۈچۈك پالۋان» دېيىشىدۇ، ئۇ يۇقىرى يامىشىش ماھارىتىگە تايىنىپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن داڭلىق ئېگىز بىنالارغا ياماشقان، مەسىلەن دۇبەي خەلىفە مۇنارى، فىرانسىيە ئېيففېل تۆمۈر مۇنارى. روبېرت بۇ قېتىملىق پەقەت تاغقا چىقىش ئايىغى ۋە تالك پاراشوكىغا تايىنىپ 187 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئاسمان پەلەك ئىمارەتنى بويسۇندۇرغان. بۇ ئۇنىڭ 55 ياش ۋاقتىدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق يامىشىشى ھېسابلىنىدۇ.
روبېرت 11 يېشىدىن باشلاپلا ئېگىز ئىمارەتلەرگە يامىشىش ھاياتىنى باشلىغان، 40 يىل مابەينىدە ئۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 150 بىنانى بويسۇندۇرغان. روبېرت ھاياجانلانغان ھالدا: «كۈچۈم بولسىلا يامىشىشنى داۋاملاشتۇرىمەن. ئېگىزگە يامىشىش مەن ئۈچۈن بىر خىل قىزغىن ھېسسىيات، بىر خىل تۇرمۇش ئۇسۇلى» دېگەن.