شىنخۇا تورى خەۋىرى: كورېيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سېمىزلىك نىسبىتى سالماق قەدەم بىلەن ئېشىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئۆگىنىش يۈكى ھەددىدىن زىيادە ئېغىر بولۇش، ئۇيقۇ ۋە تەنتەربىيە پائالىيىتى يېتەرسىز بولۇش، ساغلام بولمىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ قوبۇل قىلىش ئىكەن.
كورېيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 2017 -يىللىق ئوقۇغۇچىلار ساغلاملىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 6 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەنلەر ياكى سەمىرىپ كەتكەنلەر %17.3 كە يەتكەن، بۇ 2016-يىلىدىكىدىن %0.8 ئاشقان. 2008-يىلى بۇ نىسبەت پەقەت %11.2 ئىكەن.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلار ناشتا قىلماي، تېز تاماقلارنى كۆپ يەيدىكەن ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئاز قوبۇل قىلىدىكەن. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، كېچىلىك ئۇيقۇسى ئالتە سائەتكە يەتمەيدىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شۇ ياش باسقۇچىدىكىلەرنىڭ يېرىمىگە توغرا كېلىدىكەن.
بىر ئوقۇغۇچى كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: «ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۇيقۇمىز يېتەرلىك ئەمەس، چېنىقىشىمىز يېتەرلىك ئەمەس، يەنە تېز تاماقلارنى كۆپ يەيمىز، شۇڭا سەمىرىپ كېتىشىمىز مۇقەررەر».
يەنە بىر ئوقۇغۇچى مۇنداق دېگەن: «بەدەن ئېغىرلىقىمىزنىڭ ئېشىپ كېتىشى كۈن بويى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغىنىمىزدىن بولدى، مەكتەپتە ئوقۇغىنىمىزنى ئاز دەپ، ئۆيدە يېرىم كېچىگىچە ئۆگىنىش قىلىمىز». ئۇ يەنە، ساغلام يېمەك-ئىچمەك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، تەنتەربىيە دەرسى ۋاقتىنى ئۇزارتىش كېرەك، دېگەن.