يېقىندا، چىنىقىشنى زىيادە ياخشى كۆرىدىغان شىۋېتسىيەلىك بىر مودېل قىز توردا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ئىككى پەرزەنتلىك بولغان لا ئوستېرگىران بۇ يىل 34 ياشتا بولۇپ، پاچىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40 فۇت (تەخمىنەن 1.02 مېتىر) كېلىدۇ. ئەمما كىشىلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان بۇ ئۇزۇن پاچاق ئىلگىرى ئۇنىڭغا نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئېلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەكتەپتىكى مەزگىلىدە ئۇنىڭ بۇ زىيادە ئۇزۇن پاچىقى باشقا ساۋاقداشلارنىڭ زاڭلىق قىلىدىغان ئوبيېكتىغا ئايلانغان. شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ مەكتەپ ھاياتى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۆتكەن.
2013-يىلىغا كەلگەندە ئۇ چېنىقىشنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، نەچچە يىل چېنىقىش نەتىجىسىدە، ئۆزىنىڭ ساغلام ھەم گۈزەل بەدىنىدىن ئىپتىخارلىنىدىغان بولغان.