يەر شارى تورى خەۋىرى: سىزنىڭ تەسەۋۇرىڭىزدا قايسى دۆلەتتىكىلەر ئەڭ ئاستا تاماق يەيدۇ؟ بۇ سوئالنىڭ نەتىجىسى چىقتى، ئۇ بولسىمۇ فرانسىيەلىكلەر تاماقنى ئەڭ ئاستا، ئامېرىكىلىقلار ئەڭ تېز يەيدۇ. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئېلان قىلىنىشىچە، فرانسىيەلىكلەرنىڭ «تاماق ئۈستىلىدىكى ھورۇنلۇق» دېگەن ئاتىقى ئىسپاتلاندى. فرانسىيە BFMTV تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ 3-ئاينىڭ 13-كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيەلىكلەر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى تاماق ئۈستىلىدە 2 سائەت 13 مىنۇت ئولتۇرىدىكەن، بۇ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە تاماق يېيىش ۋاقتىدىن توپتوغرا 40 مىنۇت ئارتۇق ئىكەن.
بۇ «تاماق ئۈستىلىدىكى ھورۇنلۇق» تا كۆرسىتىلىشىچە، فرانسىيەدىن كېيىن قالسىلا ئىتالىيە، گرىتسىيە ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئورۇندا، ئەڭ ئاخىرىدىكى ئۈچ دۆلەت بولسا جەنۇبىي ئافرىقا، كانادا، ئامېرىكا ئىكەن. تەتقىقات نەتىجىسى چىقىشى بىلەن فرانىسىيەلىك تورداشلار فرانسىيەنىڭ يېمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش سەنئىتىدىن پەخىرلەنگەن.
ئىستاتىستىكىدا يەنە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئەر، ئاياللارنىڭ تاماق ۋاقتىنىڭ پەرقى تەتقىق قىلىنغان بولۇپ، ئادەتتە ئاياللارنىڭ تاماق يېيىش ۋاقتى ئەرلەرگە قارىغاندا قىسقا بولىدىكەن.