ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، باش ئىشتابى ئامېرىكىنىڭ ئاۋستىن شەھىرىگە جايلاشقان ICON ئىگىلىك تىكلەش شىركىتى SXSW مۇزىكا بايرىمىدا 3D بېسىش تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقارغان بىر قەۋەتلىك ئۆينى كىشىلەرگە تونۇشتۇرغان، بۇ ئۆينىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 650 كىۋادرات فۇت (تەخمىنەن 60 كىۋادرات مېتىر) بولۇپ، بۇ ئۆينى 12 سائەتتىن 24 سائەتكىچە پۈتتۈرگىلى بولىدىكەن. بۇ ئۆيدە مۇنچا، ھۇجرا ۋە ياي شەكىللىك كارىدور بولۇپ، بۇ ئۆينىڭ پەقەت ئۆگزىسىلا 3D بېسىش تېخنىكىسىدا تەييارلانمىغان ئىكەن.
بۇ ئۆينى ياساشقا 7200 پۇندستېرلىڭ (تەخمىنەن 63 مىڭ 600 يۈەن) كەتكەن. ئەگەر كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلسا، بۇ خىراجەتنى تەخمىنەن 2900 پۇندستېرلىڭ (تەخمىنەن 25 مىڭ 600 يۈەن) غا چۈشۈرگىلى بولىدىكەن. نۆۋەتتە خىزمەتچىلەر ئۇنى ئىشخانا ئورنىدا ئىشلىتىشنى پىلان قىلغان، ئۇلار 3D تېخنىكىسىدا ياسالغان بۇ ئۆيدە ئۇزاق مەزگىل تۇرۇش ئارقىلىق لايىھەگە تەڭشەش ئېلىپ بارىدىكەن. لايىھە سىنىقى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ICON شىركىتى پىرىنتېرنى سالۋادورغا يۆتكەپ، يېڭى قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىنى باشلايدىكەن. بۇنىڭدا ئەمگەك كۈچى ۋە كېرەكسىز ماتېرىياللارنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدىكەن.
ICON شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر بۇ خىل ئۆينىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلىشى پەقەت ئۇقۇم باسقۇچىدا ئىكەن، لېكىن بۇ خىل ئۆيلەرنىڭ كەلگۈسىدە يەر شارى تۇرالغۇ ئۆي كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا ياردىمى تېگىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن، شۇنداقلا بۇ تېخنىكا ئارقىلىق ئەڭ تېز سۈرئەتتە سالۋادور خەلقىنى بىخەتەر تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەشكە بولىدىكەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەر شارى مىقياسىدا بۇ تېخنىكا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.