يەر شارى تورى خەۋىرى: ئەنگىلىيەدە يېقىندا بىر خىل ئاچچىق ماروژنى مودا بولۇپ، تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بۇ ماروژنىنىڭ ئاچچىقلىق دەرىجە كۆرسەتكۈچى 1 مىليون 500 مىڭ سىكوۋېيىلدىنمۇ يۇقىرى بولۇپ، ماروژنى سېتىۋالغۇچى چوقۇم 18 ياشتىن يۇقىرى بولۇشى ھەمدە سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن «مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش باياناتى» غا ئىمزا قويۇشى كېرەك ئىكەن.
بۇ ماروژنىنىڭ ئىسمى«ئالۋاستى تىنىقى» بولۇپ، ئەنگىلىيەنىڭ شوتلاندىيە شەھىرى گلاسگوۋدىكى بىر قەھۋەخانا يېڭىدىن بازارغا سالغان مەھسۇلات ئىكەن، بۇ ماروژنى ئىنتايىن ئاچچىق بولۇپ، سوغۇق مۇزنىڭ تەمى بىلەن قوشۇلۇپ كىشىگە ئاجايىپ بىر خىل تۇيغۇنى ھېس قىلدۇرىدىكەن.
بۇ «ئالۋاستى تىنىقى» كىشىلەر تەرىپىدىن يەنە «دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك ماروژنى» دەپمۇ ئاتالغان. ماروژنى تەركىبىدىكى مۇچ ماتېرىياللىرى تېرىنى ئاسان زەخمىلەندۈرىدىغان بولغاچقا، خىزمەتچى خادىملار ماروژنىنى ياساش جەريانىدا پەلەي تاقىۋالىدىكەن . قەھۋەخانا خوجايىنى ماروژنى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ ماروژنىنىڭ ياسىلىش جەريانى نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئىتالىيە ماروژنى ياساش ساھەسىدىكىلەرنىڭ سودا مەخپىيەتلىكى بولۇپ كەلگەن، سودىگەرلەر يىللىق يىغىلىشىدا، باتۇرلۇقنى سىنايدىغان مەھسۇلاتقا ئايلانغان. نۆۋەتتە، بۇ ماروژنىنى تېتىپ بېقىش ئۈچۈن بۇ قەھۋەخانىغا كېلىدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ماروژنىنىڭ باھاسى 18 يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن.