ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئىرېلاندىيەلىك ئايال پامېلا ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن قىزى لاۋلورنىڭ نۇرغۇنلىغان مودا ماركىلىرىنى تونۇپ بەرگەن ۋىدىيوسىنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا چىقارغان، بۇ ۋىدىيونىڭ چېكىلىش سانى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ، لاۋلور ئالاقە تورىدىكى داڭلىق شەخسكە ئايلانغان. تورداشلار لاۋلورنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قابىلىيىتىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاشقان.
ۋىدىيودا پامېلا قىزىغا سەككىز قەغەز سومكىنى كۆرسەتكەن، لاۋلور قەغەز سومكىدىكى لوگوغا قاراپ ماركىلارنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بەرگەن.
پامېلا چۈشەندۈرۈپ: «مەن داۋاملىق چىرايلىق كىيىملەرنى ئۇنىڭغا كىيگۈزۈپ سۈرەتكە تارتىمەن. بەلكىم شۇ سەۋەبلىك لاۋلور مودىنى ياخشى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. مەن ھەر قېتىم ئۇنىڭدىن چوڭ بولغاندا نېمە بولغۇڭىز بار، دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ ئىككىلەنمەيلا مودېل، دەپ جاۋاب بېرىدۇ» دېگەن.