يەر شارى تورى خەۋىرى: ئارىيندا 2006-يىلى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، كۆكسىنى كېسىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان. ئىلگىرى ئۇ تىرناقلىرىغا ھەرخىل رەڭلىك لاك قويۇپ ئۆستۈرۈشكە قىزىقاتتى. 56 ياشقا كىرگەن مەزگىلدە، ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ راك كېسىلى بىلەن «كۈرەش» قىلىۋاتقان ھېكايىلىرىنى ۋە رەڭلىك ئۇزۇن تىرناقلىرىنى ۋىدىيو ئارقىلىق تورداشلار بىلەن بىرلىكتە ھەمبەھرىلەنگەن. بەزى تورداشلار ئۇنىڭ داۋاملىق تىرناق ئۆستۈرۈشىنى ئېيتقان. بۇنىڭ بىلەن ئارىيندا تىرناق ياساش توغرىسىدىكى ۋىدىئونى توردا تارقىتىپ، سودا قىلغان. ھازىر ئۇنىڭ مۇقىم خېرىدار توپىمۇ بار بولۇپ، تورداشلار ئۇنىڭ 10مىنۇتلۇق تىرناق ياساۋاتقان ۋىدېئوسىنى كۆرۈش ئۈچۈن 75يۈەن پۇل تۆلەيدىكەن.
تىرنىقىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن ئايال
مۇھەررىر:
زۇلخۇمار ئابدۇقادىر
|
مەنبە:
تەڭرىتاغ تورى
2018/03/14 19:15
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.