شىنخۇا تورى خەۋىرى: گېرمانىيە كىتاب سودىگەرلىرى ۋە نەشرىياتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئېيتىشىچە، گېرمانىيەدە 2012-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان تۆت يىلدا كىتاب سېتىۋالغۇچىلار سانى ئالتە مىليون ئازايغان بولۇپ، 2017-يىلى داۋاملىق ئازايغان. گېرمانىيە ئاللېنسباخ تەتقىقات ئورنىنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، ھەر ھەپتىدە كەم دېگەندە بىر قېتىم كىتاب ئوقۇيدىغانلار سانى 2012-يىلىدىكى %49 تىن 2017-يىلىدىكى %42 كە چۈشۈپ قالغان. گېرمانىيە مائىنز ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىتاب مۇتەخەسسىسى ئانكې فوگېل بۇ سانلىق مەلۇماتلار كىشىنى چۆچۈتىدۇ، دېگەن.
گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى كىتاب سودىگەرلىرى ۋە نەشرىياتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئالېكساندېر سىكىپىسنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ: «كەسپىي ساھەدىكىلەر بۇ ئىشقا ناھايىتى ئەستايىدىل قارايدۇ» دەپ خەۋەر بەرگەن. مۆلچەرلىنىشىچە، كىتاب سودىگەرلىرى ۋە نەشرىياتچىلار جەمئىيىتى 6-ئايدا «كىتاب بازىرنىڭ سۇسلىشىدىكى سەۋەب» توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىدىكەن. كۆپلىگەن كىشىلەر ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتى ۋە ئوقۇش ۋاقتىنى ئىگىلەپ كەتتى، دەپ قارىغان.
گېرمانىيەدىكى كىتاب سودىگەرلىرى ۋە نەشرىياتچىلار باسما كىتاب بازىرىنىڭ سۇسلاشقانلىقى سەۋەبىدىن، ئاممىنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزىقىشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن «ئاستا ئوقۇش» نى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان.
سىكىپىسنىڭ قارىشىچە، كىشىلەر ئالدىراش بولۇۋاتقان تۇرمۇشتا «تۇرمۇش رېتىمنى ئاستىلىتىپ، خاتىرجەملىك ۋە تىنچلىققا ئېرىشىش» نى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ، بۇ دەل كىتاب سودىگەرلىرى بىلەن نەشرىياتچىلارنىڭ بازارنى قايتۇرۇپ كېلىشىدىكى پۇرسەت ھېسابلىنىدىكەن.
فوگېل مۇنداق دېگەن: «گېرمانىيەدە باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئامېرىكا ۋە شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ <چوڭقۇرلاپ ئوقۇش> ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك».