تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

باي قىسقا خەۋەرلىرى

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان مولنىياز خەۋىرى: باي ناھىيە سايرام بازىرىنىڭ توقاچ كەنتىدىكى قېتىق ئۇيۇتۇش ئۇستىسى تۇراخان تۇراپ يېقىندا ناھايىتى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: مەن ئائىلىمىزدىكى 4-ئەۋلاد قېتىقچى، بىز سۈت-قېتىقچىلىقتىنلا يىلىغا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمىز. باي ناھىيەسنىڭ سايرام بازىرى باقمىچى ئائىلىلەرنى ئۆسۈمسىز قەرز مەبلىغى بىلەن تەمىنلەش، ھەقسىز قوتان يېرى ئاجرىتىىش، نامرات ئائىلىلەرگە سېغىن كالا ئېلىپ بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، سېغىن كالا باقمىچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرغانلىقتىن، ھازىر بازار بويىچە  بېقىلىۋاتقان سېغىن كالا 3800 تۇياققا، كۈندىلىك سۈت مىقدارى 6000 كىلوگرامغا، سۈت-قېتىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى 126گە، ئۇلارنىڭ بازارنى كۈندىلىك قېتىق بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 1200 قاچىغا، يىللىق سۈت-قېتىق سېتىپ قىلغان كىرىم 1 مىليون 360 مىڭ 800 يۈەنگە يەتتى. «سايرام قېتىقى» ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە تەمى بىلەن يىراق-يېقىنغا داڭ چىقىرىپ،خېرىدارلىرى كۈندىن كۈنگە كۆپەيدى.

  ● ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى، فوتوسى: باي ناھىيەلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بۇلۇڭ يېزا ياسىرىم قولۇچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تولۇق تەييارلىق قىلىپ بولالمىغان 15 ئائىلىگە  تۆت توننا خىمىيەۋى ئوغۇت ئېلىپ بېرىپ تارقىتىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ