3-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئېكۋاتور مىندو ئورمان مۇھاپىزەت رايونىدا سۈرەتكە تارتىلغان كېپىنەك
ئېكۋاتور پايتەختى كىتونىڭ غەربىي شىمالىغا 100 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان مىندو ئورمان مۇھاپىزەت رايونىنىڭ «كېپىنەك پادىشاھلىقى» دېگەن كاتتا نامى بولۇپ، كېپىنەكلەرنى تاماشا قىلىدىغان پەسىلگە كەلگەندە رەڭگارەڭ كېپىنەكلەر قاناتلىرىنى لەرزان قېقىپ، خىلمۇخىل گۈللەردىن تەركىب تاپقان بۇ سەھنىدە «ئۇسسۇل» غا چۈشۈپ، ئاجايىپ كۆركەم مەنزىرە ھاسىل قىلىپ، بۇ جاينى ئىسمى-جىسمىغا لايىق «كېپىنەك جىلغىسى» غا ئايلاندۇرىدۇ، بۇ مەزگىللەردە «كېپىنەك پادىشاھلىقى» غا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ساياھەتچىلەر كېلىپ، تاماشا قىلىدۇ.