3-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2018-يىللىق ئەتىيازلىق نيۇيورك ئۈنچە-مەرۋايىت كۆرگەزمە قىلىش-سېتىش يەرمەنكىسىدە ئۈنچە-مەرۋايىت لايىھەلىگۈچىسى تېرېسسا كاس ئۆز ئەسىرىنى نامايان قىلماقتا.
2018-يىللىق ئەتىيازلىق نيۇيورك ئۈنچە-مەرۋايىت كۆزگەزمە قىلىش-سېتىش يەرمەنكىسى 3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە نيۇيوركتىكى جاۋىتىس مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 400 دىن ئارتۇق سودىگەر نەق مەيداندا تەييار زىبۇ-زىننەت، ياقۇت، زىبۇ-زىننەت قوشۇمچە ماتېرىياللىرى قاتارلىقلارنى كۆرگەزمە قىلىپ ساتتى. نيۇيورك ئۈنچە-مەرۋايىت كۆرگەزمە قىلىش-سېتىش يەرمەنكىسى يىلدا ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، خەلقئاردا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۈنچە-مەرۋايىت كەسپىي كۆرگەزمىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.