ماتېرىيال سۈرەت
بىرىنچى، ئاتا-ئانىلار يۈز بېرىپ بولغان ئىشقا يۈزلىنىپ، كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ۋارقىراپ-جارقىراشتىن ساقلىنىش كېرەك. بالىسىنىڭ ئوغرىلىق قىلغانلىقىنى بىلگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇنجى ئىنكاسى رېئاللىققا ئىشەنمەيدۇ، يۈزىنى قويغۇدەك يەر تاپالمايدۇ، قاتتىق ئاچچىقى كېلىدۇ، يۇقىرى ئاۋازدا بالىسىنىڭ چاتاق تېرىغىنىغا قاقشايدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئىشنى چوڭايتىپلا قالماستىن، بالىغا روھىي جەھەتتىن ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ خىل پىسىخىكىلىق كۆلەڭگە بالىغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، ئىشنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشى، ۋاقتىدا تەربىيە ۋە نەسىھەت قىلىپ، بالىدا بۇ خىل ئىشنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
ئىككىنچى، ئايرىم تەنقىدىي تەربىيە قىلىش، ئاشكارا مۇكاپاتلاش. بىز دائىم مائارىپ ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ، دەيمىز. خاتالىق ئۆتكۈزگەن بالىلارغا چوقۇم ئايرىم تەنقىدىي تەربىيە ئىشلىشىمىز، بالىنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى ساقلىشىمىز، قۇرداشلىرىنىڭ مەسخىرە قىلىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. بالىمىزنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولسا بىز چوقۇم ئاشكارا تەقدىرلىشىمىز، بالىغا كۆپچىلىكنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ۋە ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەك، بۇنداق بولغاندا بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تەبىئىيلا شەكىللىنىدۇ.
ماتېرىيال سۈرەت
ئۈچىنچى، بالىدا نەرسە ھوقۇقى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش ھەمدە سودا قائىدىسىنى چۈشەندۈرۈش. بالىلاردا باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ قىلىۋالغۇسى كەلگەندە ئاتا-ئانىلار ۋاقتىدا تەربىيە بېرىش كېرەك، يەنى، بۇ دېگەن باشقىلارغا تەۋە نەرسە، باشقىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ نەرسىلىرىنى خالىغانچە ئېلىۋالساق بولمايدۇ، ئەگەر بەكلا ئېرىشكۈڭ بولسا، چوقۇم پۇل ئارقىلىق ياكى مالنى مالغا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئالساڭ بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بەلگىلىك ئەجىر سىڭدۈرۈشۈڭ ۋە بەدەل تۆلىشىڭ كېرەك، دەپ تەربىيە بېرىش كېرەك.
تۆتىنچى، بالا ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ بەرسە، پارچە پۇل بىلەن مۇكاپاتلاڭ. كونىلاردا «ياخشىنىڭ مېلى توغرىلىقتىن كېلەر، ياماننىڭ مېلى ئوغرىلىقتىن كېلەر» دەيدىغان گەپ بار. بىز بالىلارغا كىچىكىدىنلا «مال-مۈلۈككە ئېرىشىش» ۋە «باشقۇرۇش» توغرىسىدا توغرا بولغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. ئائىلە باشلىقلىرى بەزى تۈزۈملەرنى بېكىتسە بولىدۇ، مەسىلەن: تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا ئىشلەپ تۈگەتسە، ئۆزلۈكىدىن ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملەشسە، جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيەتلىرىگە قاتناشسا، ئائىلە باشلىقلىرى ئىلھاملاندۇرۇش مەقسىتىدە بالىغا پارچە پۇل بەرسە بولىدۇ. بالىلارنى بۇ پارچە-پۇرات پۇللارنى بىر ساندۇققا سېلىپ، خاتىرە دەپتەرگە كىرىم-چىقىمنى خاتىرىلەشكە بۇيرۇپ، ئۇلاردا كىچىكىدىنلا ھېسابات باشقۇرۇش ئېڭىنى تىكلەش كېرەك.