3-ئاينىڭ 9-كۈنى، نورۋېگىيەنىڭ شىمالىدىكى كىركېنېس بازىرى ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدا جەنۇبىي ۋارانگېر تەرەققىيات شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كېننېس سىتورس كەلگۈسى پورت قۇرۇلۇشى ئادرېسىنى تونۇشتۇردى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: كىركېنېس نورۋېگىيەنىڭ شىمالىدىكى دېڭىزغا يانداش كىچىك بازار بولۇپ، بۇ بازار كەلگۈسىدە «مۇز ئۈستى يىپەك يولى» دىكى تۈگۈن پورت بولۇپ، جۇڭگودىن ياۋروپاغا ئۆتۈشتىكى بىر يېڭى دەرۋازا بولۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ پىلاننى كۆڭلىگە پۈككەن. يېقىندا، فىنلاندىيە ۋە نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكى ئىچىدە تۆمۈريول ياساپ، نورۋېگىيەنىڭ كىركېنېس بىلەن فىنلاندىيەنىڭ روۋانېمىنى تۇتاشتۇرۇشتۇرۇش ئارقىلىق فىنلاندىيەنىڭ ھازىرقى تۆمۈريول تورى بىلەن شىمالىي مۇز ئوكيان قاتناش-تىرانسپورت لىنىيەسىنى ئۇلاش پىلانىنى جاكارلىغان. بۇ تۈرگە تەخمىنەن 3 مىليارد ياۋرو (تەخمىنەن 3 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) مەبلەغ سېلىش مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ئەگەر قۇرۇلۇش ئۆز قەرەلىدە باشلانسا، ئەڭ بالدۇر بولغاندا 2030-يىلى قاتناش باشلىنىدىكەن.