ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 3-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا رۇسىيەلىك 10 ياشلىق قىز ئېۋنىكا سادۋاكاسنىڭ بوكس پەلىيى كىيىپ، دەرەخ غولىنى مۇشتلاپ، كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتكەن ۋىدىيوسى تورداشلارنى ھەيران قالدۇرغان.
ئېۋنىكا ئۈچ يېشىدىن باشلاپ بوكس مەشىق قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، تۇغما تالانتقا ئىگە بۇ قىزنىڭ چوڭ بولغاندا كەسپىي بوكسچى بولۇپ قېلىشىدا ئۈمىد زور ئىدى. ۋىدىيودا كۆرسىتىلىشىچە، ئورمانلىقتىكى دەرەخ ئالدىدا تۇرغان قولىغا بوكس پەلىيى كىيگەن ئېۋنىكانىڭ ھەربىر ھەرىكىتى، چىراي ئىپادىسى ھەقىقىي بوكس ماھىرىغا ئوخشاپ تۇراتتى. ئۇ ئالدى بىلەن سىناق تەرىقىسىدە دەرەخنى بىرنەچچىنى مۇشتلىدى، كەينىدىن دەرەخ غولىغا بولغان ھۇجۇمنى باشلىۋەتتى، ئۇنىڭ مۇشتلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە كۈچلۈك ئىدى. ھەش-پەش دېگۈچە بۇ دەرەخ سۇنۇپ كېتەيلا دەپ قالدى، ئېۋنىكا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن دەرەخكە ئاخىرقى بىر مۇشتنى ئېتىۋېدى، دەرەخ سۇنۇپ يەرگە يېقىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئېۋنىكانىڭ دادىسى كەسپىي بوكس تىرېنېرى بولۇپ، ئۇ بالىلىرىنىڭ ھەممىنى كىچىكىدىن باشلاپ تەربىيەلىگەن. ئېۋنىكا سەككىز يېشىدا بىر قولى بىلەن 30 سېكۇنتتا 47 مۇشت ئاتقان. بىر يىلدىن كېيىن، ئېۋنىكا بىر تېلېۋىزىيە پىروگىراممىسىغا قاتناشقاندا، 30 سېكۇنتتا 221 مۇشت ئاتقان. ئېۋنىكانىڭ دادىسى ئۇنىڭ چوڭ بولغاندا كەسپىي بوكسچى بولۇپ، ئۆيىگە شەرەپ كەلتۈرۈشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن.