يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا خادىملىرى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى مىرچىغ يېزا باغۋەنچىلىك كەنتىدە مايسىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان مولنىياز خەۋىرى، فوتوسى: باي ناھىيەسىدىكى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا خادىملىرى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان دېھقانلارنىڭ ئەتيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. نۆۋەتتە، ناھىيە بويىچە 160 مەركەزلىك كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا 89 مىليون تۈپ پەمىدۇر، مۇچ، پېدىگەن مايسىسى(كۆچىتى) مەركەزلىك يېتىشتۈرۈلۈپ، دېھقانلارنى يېتەرلىك تەمىنلەشكە باشلىدى.