تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

بالىڭىزنى قانداق ماختايسىز؟

ماتېرىيال سۈرەت

     كارغا كەلمەيدىغان ماختاشنىڭ بالىلارغا نىسبەتەن ھېچقانداق رولى بولمايدۇ. بالىڭىز ياخشى ئىش قىلىپ ماختاشقا توغرا كەلگەندە ئاتا-ئانا بولغۇچى ئەپلەپ-سەپلەپ ئىش قىلماي، بالىغا تەسىر قىلىدىغان گەپلەر بىلەن ماختاش كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

     بىرىنچى. ماختىشىڭىز كونكرېت بولسۇن. بالىلارنىڭ ئەڭ ئۈمىد قىلىدىغىنى ئاتا- ئانىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولۇشتۇر. ئەمما نۇرغۇنلىغان ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنىڭ قىلمىشىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ. بۇنداق بولۇشى بەلكىم ئاتا-ئانىلارنىڭ خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا كۆپىنچە «ياخشى قىپسەن! »، «سەن ئەڭ قالتىس !»دېگەندەك ماختاش سۆزلىرىنى ئىشلىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ماختاشلار بەك كۆپ بولۇپ كەتسە بالىلارغا نىسبەتەن ئەھمىيىتى چوڭ بولمايدۇ. بالىڭىزنى ماختىغاندا كونكرېت قىلىپ قايسى ئىشنى ياخشى قىلغانلىقىنى دەڭ، بۇنداق قىلغاندا بالىڭىز قانداق ئىشلارنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالىدۇ ھەمدە داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇندىلا ماختاشنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈمى بولىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئىككىنچى. ماختاشقا بېخىللىق قىلماڭ. بەزى ئاتا- ئانىلار  يېشى كىچىكرەك بالىلارغا چوڭلارغا ئوخشاش مۇئامىلە  قىلىدىغان بولغاچقا، ماختىغۇدەك ئىشى يوق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە يېشى كىچىك بالىلارنىڭ «ئاددىي» ئىشلارنى قىلالىشى ئاسانغا توختىمايدۇ، لېكىن ئەلا نەتىجە ۋە جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ «ئاددىي» ئىشلاردىن روياپقا چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىغا ياخشى ئۆگىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈش ھەمدە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىشتە ئاتا- ئانا بولغۇچى مەردلىك بىلەن ماختاش كېرەك، يېشى قانچە كىچىك بولسا، شۇنچە كۆپ ماختاش، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ماختاش ئۆلچىمىنى تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.    

ماتېرىيال سۈرەت

    ئۈچىنچى. ماختاشنى ئىلھاملاندۇرۇشقا ئايلاندۇرۇڭ. بالىلار قورقۇنچاق كېلىدۇ، بەزى ئىشلارغا نىسبەتەن قورقىدىغان روھىي ھالەتتە تۇرىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كۆپرەك ئىلھام بولىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىشى كېرەك. يازغۇچى سۇڭ دەندەننىڭ «بەخت ئىچىدە»ناملىق يېڭى كىتابىدا تۆۋەندىكىدەك ئىبارىلەر بار: بىر قېتىم ئوغلۇم ئاغرىپ قالدى، مەن بالا باققۇچىغا ئوغلۇمنىڭ باشقا بالىلار بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىغانلىقىمنى، باشقا بالىلارنىڭ دورا ئىچكەندە يىغلايدىغانلىقىنى، لېكىن مېنىڭ ئوغلۇمنىڭ پەقەت يىغلىمايدىغانلىقىنى، بۇ تەرىپىنىڭ باشقا بالىلار بىلەن ھەقىقەتەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئوغلۇمنى ماختىدىم، ئاندىن دورىنى ئوغلۇمغا بەردىم، ئوغلۇم قىزىرىپ كەتكەن چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، كۆزىنى يۇمغان پېتى دورىنىڭ ھەممىنى ئىچىۋەتتى. بىز ھەممىمىز توختىماي ماختىدۇق، شۇنىڭدىن كېيىن ئوغلۇم ھەر قانچە  ئاچچىق دورا بولسىمۇ قورقماي ئىچىدىغان بولدى.   

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ