سېلىشتۇرمىچىلىق ئادىتىڭىزنى تاشلاپ، خۇشاللىقىڭىزغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى يىراقلارغا چۆرۈۋېتىپ، تۇرمۇشىڭىزنى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولۇقلاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، مۇشۇنداق قىلسىڭىزلا كۈنلىرىڭىز خاتىرجەملىككە تولىدۇ.
ئېسىمنى بىلسەم، ئانام سېلىشتۇرمىچىلىقنى ئانچە ياقتۇرمايتتى. باشقا ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى سېلىشتۇرسا، ئانام بىزگە ئىلھام بېرىپ، تىرىشساڭلارلا بولدى، نەتىجىگە بەك ئېسىلىۋالماڭلار!-دەيتتى. ئانام تۇرمۇشتىمۇ باشقىلار بىلەن كىرىمىنى، يۈرۈش-تۇرۇشىنى سېلىشتۇرمايتتى. ئۇ دائىم، كۈنلەر خۇشال ئۆتسىلا بولدى، قالغىنىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟- دەيتتى.
ھالا بۈگۈنگە كەلگەندىمۇ ئانام ناھايىتى خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ.
«سېلىشتۇرۇش» قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدۇ. بىر تەرىپى باشقىلارغا ئازار بەرسە، يەنە بىر تەرىپى ئۆزىگە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.
ئەقىللىق ئادەم تۇرمۇشتا بىر قولىغا پىچاق، بىر قولىغا مېھىر-مۇھەببەتنى ئېلىشى كېرەك. پىچاق بىلەن سېلىشتۇرۇش پسىخىكىسىنى كېسىپ تاشلاپ، خۇشاللىقىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشى، مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تۇرمۇشىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا تۇرمۇشتىن بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
سېلىشتۇرمىچىلىقىڭىز ئائىلىڭىزنى بەختسىز قىلىپ قويىدۇ
مۇھەررىر:
خالىسە ئەخمەت
|
مەنبە:
تەڭرىتاغ تورى
2018/03/08 10:28
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.