بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ ناچار بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا تۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ:
1. دىققىتىنى يىغالماسلىق.
بالدۇر تەربىيەلەش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ ناچار بولۇشى ئاساسلىقى بالىلارنىڭ دىققىتىنىڭ ناچار ھەم مەركەزلەشمىگەنلىكىدىن بولىدىكەن. دىققەت كۈچى ئەستە ساقلاشنىڭ ئاساسى. شۇڭا بالىڭىزنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئويلىسىڭىز، ئالدى بىلەن بالىڭىزنىڭ دىققىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قىزىقىشىنى قوزغىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىسىنىڭ ئوزۇقلۇقىغا، بولۇپمۇ چوڭ مېڭىسىگە ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر. بالىلار DHA ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
ماتېرىيال سۈرەت
DHA ئومۇملاشتۇرۇلۇپ مېڭە جەۋھىرى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان بىر خىل تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، Omega-3 تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ئائىلىسىنىڭ مۇھىم ئەزاسى. DHA نېرۋد سىسىتېمىسى ھۈجەيرىلىرىنى ئۆستۈرۈپ ۋە ساقلايدىغان بىر خىل ئاساسلىق ئېلېمېنت بولۇپ، چوڭ مېڭە ۋە كۆرۈش تور پەردىسىنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم تەركىب. ئادەم بەدىنى چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى مىقدارى %20 كە يېتىدۇ، كۆرۈش تور پەردىسىدىكى ئىگىلىگەن مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، %50 نى ئىگىلەيدۇ، شۇڭا ھامىلىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىشىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، DHA چوڭ مېڭىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتى بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدار ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتى ھەمدە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بالىلارنى دىققىتىنى يىغىپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىدىغان قىلىدۇ.
2. قوغۇشۇن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش.
قوغۇشۇن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە مەركىزىي نېرۋا سىسىتېمىلىرىنى زەخمىلەندۈرۈپ، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بالىلاردا دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەشتەك ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر بالىڭىزدا قوغۇشۇن ئارتىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولسا، ئۇنداقتا قوغۇشۇننى ئازايتىشقا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىز تۈزۈك.
ماتېرىيال سۈرەت