دۇنيادىكى گەپ قىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز ئادەم
«ھاياتلىق ياكى ئۆلۈم»، بۇ شېكسپېرنىڭ «خاملېت» ناملىق تىراگېدىيەسىدىكى ئەڭ داڭلىق مونولوگ، سىئېن سانون بۇ مونولوگنى 23.8 سېكۇنتتا يادلاپ تۈگىتىپ، دۇنيادىكى گەپ قىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز ئادەم بويىچە جىننېس دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان. 20 يىلدىن بۇيان بۇ رېكورتنى ھېچكىم بۇزالمىغان.
بىر مىنۇت ئىچىدە چوكا ئېتىپ تۆمۈر داسنى ئەڭ كۆپ تېشىۋەتكەن ئادەم
بىر مىنۇت ئىچىدە چوكا ئېتىپ تۆمۈر داسنى ئەڭ كۆپ تېشىش جىننېس دۇنيا رېكورتىنى ياراتقۇچى جۇڭگولۇق ياڭ جېڭچىڭ بولۇپ، ئۇ بىر مىنۇت ئىچىدە 32 چوكا ئېتىپ تۆمۈر داسنى تەشكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈرنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.
ئانا سۈتىنى ئەڭ كۆپ ئىئانە قىلغان ئايال
ئەلسىيانىڭ سۈتى زىيادە كۆپ بولغاچقا، بالىسىنى ئېمىتكەندىن باشقا، 315 كىلوگىرام سۈتنى ئانا سۈتىگە موھتاج بولغان بوۋاقلارغا ئىئانە قىلىپ، بۇ تۈر بويىچە جىننېس دۇنيا رېكورتىنى ساقلاپ قالغۇچىغا ئايلانغان.