تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

توقسۇن ناھىيەسىدە ھەر مىللەت ئامما پانۇس بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى

  ئۆز خەۋىرىمىز: پانۇس بايرىمى چاغاندىن كېيىنكى تۇنجى مۇھىم بايرام. 3-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭنىڭ توقسۇن ناھىيەسىدىكى «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى، ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئامما بىر يەرگە جەم بولۇپ، خۇشال ھالدا پانۇس بايرىمىنى كۈتۈۋالدى.

  توقسۇن ناھىيەسى شاھ يېزىسى بازار مەھەللىسىدە تۇرپان شەھەرلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ بۇ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، بىرىنچى شۇجىسى ۋۇ پىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن ئەتىگەندىلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۈگۈن ئۇلار پائالىيەتنىڭ ئۇسسۇل سەھنىسىنى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا يۆتكەپ كېلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشىكى ئالدىدا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى سۆزلىدى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى پائالىيەتكە قاتناشقىلى كەلگەن ھەر مىللەت ئاھالىلىرىگە ئۆزلىرى تۈزۈپ، رول ئالغان نومۇرلارنى ئورۇنلاپ بەردى، ھەر مىللەت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە مەشرەپكە چۈشتى.

  توقسۇن ناھىيە شاھ يېزىسى بازار مەھەللىسىلىك ئاھالە باۋ يۈجۇڭ مۇنداق دېدى:«بۈگۈن بازار مەھەللە كومىتېتى بىلەن <ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمەت ئەترىتىنىڭ بازار مەھەللىمىزگە كېلىپ، <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> پائالىيىتى ۋە چاغاننى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت، بىز ئىنتايىن خۇشال بولدۇق.»

  ۋۇ پىڭ مۇنداق دېدى:«بىز بۈگۈنكى پائالىيەت ئارقىلىق يېڭى كەنتلىرىمىزنىڭ يېڭىچە قىياپىتى، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى زور ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىياتىنى نامايەن قىلدۇق، بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئامما خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، توقسۇننىڭ گۈزەل ئەتىسى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىشەنچىمىز بار.»

  شۇنىڭغا ئوخشاش، توقسۇن ناھىيەسى شاھ يېزىسى توتەي كەنتىدىمۇ توقسۇن ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش. قۇتلۇق كۈن پانۇس بايرىمى» باش تېما قىلىنغان پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. پۈتكۈل پائالىيەت مول ھەم رەڭگارەڭ بولۇپ، چاۋاك ئاۋازى ئۇزاققىچە ئۈزۈلمىدى. خور، ناخشا-ئۇسسۇل، يالغۇز كىشىلىك ناخشا، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، چالغۇ ماھارىتى، چامباشچىلىق ماھارىتى قاتارلىق نومۇرلار مەيداندىكى ھەممەيلەنگە ھوزۇر بەخش ئەتتى.

  «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن كادىرلار ۋە تەۋەلىكتىكى ئامما بىرلىكتە ئويۇن ئوينىدى، ئىما-ئىشارەتكە قارىتا تېپىش ئويۇنى، خۇشال-خۇرام يۈەنشياۋ قىسىپ ئېلىش ئويۇنى قاتارلىق ئويۇنلار كۆپچىلىكنى ھەقىقەتەن بىريەرگە جەم قىلىپ، ئىناقلىقنى ئاشۇردى. پانۇس بايرىمىدا يۈەنشياۋ يېيىش كەم بولسا ئەلۋەتتە بولمايدۇ، «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى پائالىيەتكە قاتناشقىلى كەلگەن ئاممىغا ھورى چىقىپ تۇرغان تاڭيۈەن ئېلىپ چىقتى.

  توقسۇن ناھىيەسى شاھ يېزىسى گۇڭشاڭ كەنتىدە توقسۇن ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرلىكتە پانۇس ئېسىپ، تاڭيۈەن تۈگۈپ، پىشۇرۇپ، پانۇس بايرىمى كەلگەنلىكىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

  توقسۇن ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ شاھ يېزىسى گۇڭشاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فېڭچۈنلەن مۇنداق دېدى:«ئىلگىرى مەن ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە پانۇس بايرىمى ئۆتكۈزەتتىم، بۇ قېتىم كەنتتىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزدۇق، ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولدى، بولۇپمۇ بىز بىرلىكتە تاڭيۈەن تۈگدۇق، بىرلىكتە چاقچاقلاشتۇق، يوپيۇمىلاق تاڭيۈەن بىز ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشىمىزنىڭ سىموۋلى. <ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەر مىللەت ئاممىسىنى يېتەكلەپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە ئىشەنچىم تولۇق، ئىرادەم چىڭ.»

  پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلىپ چاغان تەبرىكلەندى، داقا-دۇمباقلار چېلىنىپ پانۇس بايرىمى تەبرىكلەندى. توقسۇن ناھىيەسى توقسۇن بازىرى دەريا بويى مەھەللىسى كوچا ئويۇنى ئەترىتىدىكىلەر دەريا بويى ئولتۇراق رايونىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەيدانىغا بېرىپ نومۇر ئورۇنلىدى، مەيداندا دۇمباقلار ياڭراپ، ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى. دۇمباق چېلىش، ئۆي قېيىق ئويۇنى، شىر ئويۇنى قاتارلىق نادىر ئەل ئىچى ئەنئەنىۋى كوچا ئويۇنلىرى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۆزىنى چاقناتتى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەيدانىدا قىپقىزىل پانۇسلار ئېسىلدى، پانۇسقا يېزىلغان تال-تال تېپىشماقلار كۆزنى چاقنىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاھالىنى قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىشقا جەلىب قىلدى.

 

مەسئۇل مۇھەررىر : mutallip

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ