تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

خىزمەت ئەترىتى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم قىلدى

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوسمان ئوبۇل خەۋىرى: 26-فېۋرال، ئونسۇ ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئونسۇ ناھىيە كومسۇمۇل بازىرى ئازغانبۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت» ى بىلەن بىرلىكتە كەنتتىكى 50 نەپەردىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، ئىتتىپاق ئەزاسىنى تەشكىللەپ، كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ چىلان كۆچەتلىرىنى ئەتىيازلىق چاتاپ، ھويلا-ئارانلىرىنى رەتلەپ، تازىلاپ بەردى.

   كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا كەنتتىكى تۇنىساخان ئەيسا ئائىلىسى ۋە يولۋاس راشىدىن ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى، چىلان كۆچەتلىرىنى تېخى چاتاپ بولالمىغانلىقىنى، يېڭىدىن سالغان ئۆيىنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇنلىغان قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنىڭ دۆۋىلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، كەنت كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە دەرھال خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرىدىن ئىككى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، ئۇلارغا ياردەملەشتى.

   ئىتتىپاق ئەزاسى مىرزات ئابلا مۇنداق دېدى: مەن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە بىرىنچى بولۇپ تىزىملاتتىم. كەنتتىكىلەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا بىز ياشلار بىرىنچى بولۇپ ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشىمىز كېرەك.

   تۇنىساخان ئەيسا مۇنداق دېدى: ياشىنىپ قالدىم. ئۆيۈمنى يېڭىلاپ سالغىلى بىر قانچە يىللار بولۇپ قالغان بولسىمۇ، بىراق، كونا ئۆينىڭ خىش پارچىلىرى، ياغاچلىرىنى يۆتكەشكە كۈچۈم يەتمىگەن ئىدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تەشكىللىگەن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ماڭا ياردەملىشىپ، ھويلا-ئارانلىرىمنى رەتلەپ، تازىلاپ بەردى، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە كۆپ رەھمەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ