ئالىي ئېنژېنېر ياڭ باۋگو دېھقانلارغا چىلان پەرۋىشىدىن ئەمەلىي تېخنىكا ئۆگەتمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پولات نىياز خەۋىرى، فوتوسى: بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن چەرچەن ناھىيە توغراقلىق يېزا توغراقلىق كەنتىگە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى بويىچە چۈشكەن كادىرلار 25-فېۋرال ئىدارىدىكى ئالىي ئېنژېنېرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە كەنتتىكى دېھقانلارغا چىلانلارنى ئەتىيازلىق چاتاش، چىلانغا چۈشكەن زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەتىيازلىق ئوغۇتلاش تېخنىكىسى بويىچە ئەمەلىي دەرس ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ بۇ يىلمۇ چىلاندىن ياخشى ھوسۇل ئېلىشىغا ئاساس سالدى.