تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

پىچان ناھىيەسى سانائەت ئارقىلىق ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچىمەكتە

     مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەسى سانائەت ئارقىلىق ناھىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، سانائەت قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، سانائەت رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى ياخشىلاپ، سانائەتنى ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشتىكى تۈرتكىگە ئايلاندۇردى.
     بۇ ناھىيە بۇلتۇر سانائەت ئارقىلىق ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سانائەت رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپ، نېفىتلىكنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا، يەرلىك سانائەت بىلەن نېفىتلىكتىن باشقا كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە كىرېمنىي يېڭى ماتېرىياللار بازىسىنىڭ بۇ ناھىيەگە ماكانلىشىشى، خېشىن كىرېمنىي كەسپى پېيىنىڭ ئوڭۇشلۇق بازارغا سېلىنىشى، 400 مىڭ توننىلىق سانائەت كىرېمنىي تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇپ، سىناق تەرىقىسىدە ئىش باشلىشى بىلەن بۇ ناھىيەدە كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانا 46گە يېتىپ، كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى؛ لۈكچۈن قويۇق نېفىت رايونىنىڭ تەۋەلىكى بويىچە رويخەتكە ئېلىش ھەم مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشتا يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى؛ تيەن جۇۋاڭ قاتارلىق ئۈچ كارخانا قايتىدىن تەشكىللەندى؛ 2 – نۆۋەتلىك جۇڭگو (شىنجاڭ) ئاسىيا – ياۋروپا خەلقئارا تاشچىلىق كۆرگەزمىسى ئوڭۇشلۇق ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، پىچان تاش ماتېرىياللىرى مەملىكەت، ھەتتا خەلقئاراغا يۈزلەندى؛ ئۆزگىچە توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپى تېز تەرەققىي قىلىپ، 3680 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى؛ ‹‹چىقتىم كانچىلىق رايونىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى›› ئاپتونوم رايوننىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى؛ بۇنىڭ بىلەن  بۇلتۇر ناھىيەنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى 4 مىليارد 785 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2016 – يىلىدىكىدىن %1.4 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىكنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليارد 559 مىليون يۈەن بولۇپ، %6.6 ئاشتى.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ