فىرانسىيەلىك مىل خىپولىيت قاتلىما قەغەز سەنئەتكارى ۋە قىستۇرما رەسىم سىزغۇچى، ئۇ ئاجايىپ مۇكەممەل قاتلىما قەغەز تېخنىكىسى بىلەن نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. دەسلىپىدە مىل قەغەز بىلەن ئۈچ ئۆلچەملىك ھايۋانات نىقابىنى ياساپ چىققان بولسا، يېقىندا ئۇ دېڭىز-ئوكيان، قۇش، گۈل-گىياھ قاتارلىقلارنى ئەپلىك قوللىرى بىلەن رەڭدار قەغەزلەردە شۇنچە نەپىس ياساپ چىققان.