تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بورتالا ئوبلاستىدا ئېلېكتىرلەشتۈرۈش تۈرى پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى

      يۈسۈپجان سىدىق خەۋەر قىلىدۇ: بورتالا ئوبلاستى بۇلتۇردىن بۇيان ئېلېكتىرلەشتۈرۈش تۈرىنى پائال ئىلگىرى سۈردى، ئوبلاست بويىچە پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %15 كە يېتىپ، ئوبلاست سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تېز ئېشىشىدا ئاكتىپ رول ئوينىدى.
     ئوبلاستلىق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىن ئۇقۇشىمچە، بۇ ئوبلاست بۇلتۇر ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى بولۇپ زەرەتلەش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش ۋە توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئومۇملىشىشىنى سىناق قىلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. «بورتالا ئوبلاستىنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرى يىرىك پىلانى دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئوبلاست بويىچە شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىپ پار بىلەن تەمىنلەش تۈرى تەتقىقاتى تاماملانغان ھەم ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن.
     ھازىر ئوبلاست بويىچە كۆكتات، مېۋە پارنىكى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى قۇرۇتۇش ئۆيلىرىدە ئېلېكتىرلەشتۈرۈش تۈرى تېز كېڭەيتىلگەن. جامائەت قۇرۇلۇش ساھەسىدە توك بىلەن ئىسسىتىشنى قوللىنىش پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پار بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى 650 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتكەن. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئوبلاست بويىچە ئېلېكتىرلەشتۈرۈش تۈرىگە يىللىق توك ئىشلىتىش مىقدارى 1 مىليون 500 مىڭ كىلوۋات سائەتكە يەتكەن. يەنە شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوخشاش باھادا توك ئىشلىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاھالىلەرنىڭ توك ئىشلىتىش چىقىمى ئىلگىرىكىدىن 25 مىليون يۈەندىن كۆپرەك ئازايغان.
     دۆلەت ئېلېكتىر تورى بورتالا توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى بازار ئېچىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گاۋ رۈي مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش، توك كۈچى جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق سودا ئەندىزىسى توك ئىستېمالىنىڭ ئېشىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئوبلاستىمىزدا ئېلېكتىر كۈچى بازىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئېلېكتىرلەشتۇرۈشنى ئومۇملاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىش نىسبىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈۋاتىمىز.
بۇلتۇر بورتالا ئوبلاستىدا شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش تۈرى بويىچە يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 800 مىليون كىلوۋات/ سائەتكە يەتكەن بولۇپ، سىرتنى بىۋاسىتە توك بىلەن تەمىنلەش سودىسىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن كارخانا سەككىزگە، گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 570 مىڭ كىلوۋات / سائەتكە يېتىپ، ئوبلاست بويىچە پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش نىسبىتى تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ