تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامراتلار يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

     ئابدۇسالام نىياز خەۋەر قىلىدۇ: ئۇچتۇرپان ناھىيەسى فېۋرالنىڭ بېشىدا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئاقتوقاي يېزىسى ۋە ياركۆۋرۈك يېزىسىدىن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 800 نامرات دېھقاننى يېڭى خىزمەت ئورنىغا ئۇزىتىپ قويدى. بۇ دېھقانلار ئاقسۇ شەھىرىنىڭ توقۇمىچىلىق سانائەت رايونىدا كەسپىي ئىشچى بولۇپ، مۇقىم كىرىمگە ئېرىشىپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشتا يۇرتداشلىرىغا ئۈلگە بولىدۇ.
     ئاقتوقاي يېزىسىنىڭ قاتار ئۈجمە كەنتىدىكى نۇربىيە ئوسمان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن بىرەر ئىش تېپىپ قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى بىلمىگەچكە، ئىزچىل ئائىلىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ كېلىۋاتاتتى، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئۇ يېزىدا ئېچىلغان دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدا ھەقسىز ئوقۇپ، سەۋىيەسىنى ئاشۇردى ھەم يۈزتۇرا ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ئاقسۇ ‹‹خۇافۇ›› رەڭلىك پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ سېخ باشقۇرغۇچىلىق ئىش ئورنىغا قوبۇل قىلىنىپ، كارخانا بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر دېھقاندىن ئىشچىغا ئايلاندىم، ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىۋاتىمەن. خىزمەت ئورنىغا بارغاندىن كېيىن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپنى ياخشى ئىگىلەپ، تېزرەك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە تىرىشىمەن.  
     ياركۆۋرۈك يېزىسىنىڭ تۆۋەنكى قاراغوجا كەنتىدىكى سۇلايمان نىيازنىڭ ئائىلىسىدە ئۈچ نوپۇس بولۇپ، تېرىلغۇ يېرى بولمىغاچقا، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ تۇرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتاتتى. بۇ قېتىم ئەر – خوتۇن ئىككىيلەن زاۋۇتتا ئىشلەشكە تىزىملاتتى. سۇلايمان نىياز مۇنداق دېدى: زاۋۇتقا بارغاندىن كېيىن تېخنىكا ئۆگىنىپ، پۇل تاپالايمىز.  بىز چوقۇم تىرىشىپ ئىشلەپ، نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرىمىز.
     بۇ قېتىمقى نامراتلارنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش  بۇ ناھىيەنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئىككىنچى قېتىملىق يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، ناھىيە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىدە نامرات ئاھالىلەرگە ئىش ئورنى تېپىپ بېرىش ئارقىلىق «بىر ئائىلىدىن بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈردى.   
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ