تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   مۇھىم سۆز

يېڭى دەۋرنى خاتىرىلەيدىغان ئاخباراتچىلار ‹‹تۆت ئىقتىدار››نى تېخىمۇ كۈچەپ ئۆستۈرۈشى كېرەك

     ئىككى يىل ئىلگىرىكى 2–ئاينىڭ 19–كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزدىكى ئاخبارات ئورۇنلىرىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئىككى يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاراتقۇلار ۋە ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ‹‹19–فېۋرال›› مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۆزنىڭ روھىنى يەنە ئۆزلەشتۈرۈش، يەنە تونۇش، يەنە ئىگىلەشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى ۋە ئىشەنچىلىكلىكىنى يېڭى دەۋردە يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى.
     يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش  تاراتقۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى. ئاخبارات خىزمەتچىلىرى مۇشۇ بۇرچ ۋە نىشاننى كۆزلەپ ئىلگىرىلەش ئۈچۈن، چوقۇم ‹‹تۆت ئىقتىدار››ى  پۇتى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنىي ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك بولۇشنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ ۋە ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان ئاخباراتچىلارغا ھەقىقىي يوسۇندا ئايلىنىشى كېرەك.
     ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ‹‹تۆت ئىقتىدار››نى ئۆستۈرۈشتە، ئالدى بىلەن توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇشى، مەيدانىنى مۇستەھكەم، بايرىقىنى روشەن قىلىشى شەرت. يۆنىلىش يولنى بەلگىلەيدۇ، يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. پارتىيەنىڭ تاراتقۇلىرى بارلىق خىزمەتلەردە پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغدىشى، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشى، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىنى ئاخبارات خەۋەرلىرىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك. زور سىياسىي پىرىنسىپ ۋە چوڭ ھەق–چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە چوقۇم جامائەت پىكرى كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشقا جۈرئەت قىلىشى ھەم ئۇنىڭغا ماھىر بولۇشى، بايراق ئارقىلىق يۆنىلىشنى، پوزىتسىيە ئارقىلىق رىتىمنى بەلگىلىشى شەرت.
     ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ‹‹تۆت ئىقتىدار››نى ئۆستۈرۈشتە، خەلق ھەممىدىن ئەلا دېگەن تۈپ مەيداندا باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇشى شەرت. ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ ئۇلى خەلقتە، قان–تومۇرى خەلقتە، كۈچى خەلقتە. بىر تەرەپتىن، ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ پۇتى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر بولۇش ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا، ئەمەلىيەتنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىغا، ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنى ئاخبارات خەۋەرلىرىنىڭ باش قەھرىمانى قىلىپ، ئاممىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش روھىنى تولۇق خەۋەر قىلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسى، ساداسىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ زېھنىي ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك بولۇش ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ تىلىدا ئىپادىلەشنى ئۆگىنىپ، ئاممىباب سۆزلەشكە، كۆڭۈلدىكىنى سۆزلەشكە ماھىر بولۇپ، ئاخبارات خەۋەرلىرىنى ئامما ياقتۇرىدىغان، كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئورنايدىغان قىلىش كېرەك.
     ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ‹‹تۆت ئىقتىدار››نى ئۆستۈرۈشتە، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى بىلەن ئىجابىي تەشۋىقاتنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇشى شەرت. پارتىيەنىڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرى مەركەزنىڭ روھى بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىنى ياخشى بىرلەشتۈرۈشنى، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئاممىنىڭ تەسىراتىنى ياخشى بىرلەشتۈرۈشنى، ئىلغار تىپلار بىلەن تۇرمۇش ئەمەلىيىتىنى ياخشى بىرلەشتۈرۈشنى ئۆگىنىپ، خەۋەرلەرنىڭ تۇرمۇشقا يېقىنلىقى ۋە تەسىرچانلىقىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇشى؛ قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە بولغان جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، جامائەت پىكرى يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، خەۋەرلەرنىڭ ئۈنۈمىنى ئىلمىي باھالاپ، پائال، سالماق يېتەكلىشى؛ جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقان، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى تۇتۇپ نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتە سەمىمىيلىك، ئاق كۆڭۈللۈك ۋە گۈزەللىكنى تەرىپلەيدىغان، ساختىلىق، يامانلىق، رەزىللىكنى توسىيدىغان جامائەت پىكرى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
     ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ‹‹تۆت ئىقتىدار››نى ئۆستۈرۈشتە، يەنە يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش دەۋر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشى شەرت. ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتى دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشى، ئاخبارات خىزمەتچىلىرى زېھنى ئوچۇق بولۇش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، دۇنيا تاراتقۇلىرى ئەندىزىسىگە، جامائەت پىكرى ئېكولوگىيەسىگە، تارقىتىش شەكلىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئىدىيە، مەزمۇن، ژانىر، شەكىل، ئۇسۇل، ۋاسىتە، كەسىپ ھالىتى، تۈزۈلمە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، تاراتقۇلار يۇغۇرما خەۋەر قىلىشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاخبارات جامائەت پىكرى ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلىشى كېرەك.  


     (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2–ئاينىڭ 19–كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى