تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

قوشماقلاشقان تۇغقانلار چاغان بەزمىسىدە

مۇيەسسەر ئاباھامىت، يۈ چياڭفۇ

     ئارا تۈرۈك ناھىيەسى نوم بازىرىنىڭ تەرەققىيات رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق خادىۋان ئوسمان يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ قوشماقلاشقان تۇغقىنى كۇ جيەندۇڭغا چاغانلىق ساڭزا، بوغۇرساق، پىشۇرۇقلارنى پىشۇرۇپ ئاپىرىپ بەرگەندىن سىرت، ساڭزا، بوغۇرساق، پىشۇرۇق سېتىپ ئوبدانلا كىرىم قىلىۋالدى. نوم بازىرى 2-رايونى بۇ مەھەللىدىكى خادىۋان ئوسماننىلا ئەمەس، پىشۇرۇق پىشۇرۇش جەھەتتە ئالاھىدىلىكى بار ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان ھەر مىللەت ئاھالىنى مەخسۇس تەربىيەلەپ، ئۇلارنى چاغانلىق پىشۇرۇق پىشۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردى، نەپىس ئوراش- قاچىلاش قېپى ياسىتىپ، ئۇلارنى پىشۇرۇقلىرىنى نەپىس ئوراپ قاچىلاپ سېتىپ، ياخشى كىرىم قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

     نوم بازىرى 3-رايونىدىكى گۈلباھار يۇنۇس تەرەققىيات رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە نومۇر تەييارلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇ بۇ رايوندىكى ئەلنەغمىچىلەرنىڭ باشلىقى بولۇپ، كېچىلىكتە قومۇل مۇقاملىرىنى ئېيتماقچى بولغانىدى.

     نوم بازىرى 1-رايونىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يىرۇڭ قاتارلىق ئۈچ كىشى نەچچە يۈز پارچە قىزىل قەغەزگە مەسنەۋى يېزىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇلار ياخشى تىلەكلەر يېزىلغان مەسنەۋىلەرنى تەرەققىيات رايونىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشىكلىرىگە چاپلاپ، خۇشال-خوراملىق، ئاسايىشلىق ئىچىدە بايرام ئۆتكۈزۈشكە ئالدىراۋاتاتتى.

     2-ئاينىڭ 8-كۈنى تەرەققىيات رايونى پائالىيەت مەركىزى باشقىچە جانلىنىپ كەتتى. بۇ كۈنى بۇ يەردە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، چاغاننى كۈتۈۋېلىش ئەدەبىيات- سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىنى تەرەققىيات رايونىدىكى ئۈچ رايون بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈپ، ھەر بىر رايون ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن نومۇر تەييارلىغانىدى. خۇيزۇ، ئۇيغۇر، قازاق مىللىتىدىن بولغان ئەلنەغمىچلەر ئورۇنلىغان نادىر نومۇرلار بۇ يۇرتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېجىل-ئىناق ياشاۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش كارتىنىسىنى نامايان قىلغانىدى.

     ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ ئۇستىلار پىشۇرغان ساڭزا، تاتلىق تۇرۇم، بوغۇرساقلارنى تۇغقانلىرىغا چاغانلىق سوۋغا قىلدى. 1-رايوندىكى پېشقەدەملەر يازغان مەسنەۋىلەرنى بىر- بىرىنىڭ ئىشىكلىرىگە چاپلاپ، پانۇس، قىزىل بايراق ئېسىپ، پۈتكۈل مەھەللىنى بايرام كەيپىياتىغا چۆمدۈردى.

    2-ئاينىڭ 11-كۈنى تەرەققىيات رايونىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ مىللىتىدىن بولغان ھەر مىللەت ئامما ئۆيلىرىدە مەززىلىك تاماقلارنى ئېتىپ، نوم بازىرى ۋە ئارا تۈرۈك ناھىيەسىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى پائالىيەت مەركىزىگە چاغانلىق پەتىگە چاقىردى، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، چاغاننى خۇشال- خۇرام كۈتۈۋالدى.

     گۈلباھار يۇنۇس مۇنداق دېدى: مەن دېھقان ئايال، ئائىلىمىز يىلدا ئون مو يەرگە قوغۇن تېرىپ، ئوبدان كىرىم قىلىمىز. ھازىر قاتناش راۋان بولغاچقا، قوغۇن پىشىپ بولغۇچە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سودىگەرلەر ئىشىك ئالدىمىزغا كېلىدۇ. پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرى ياخشى بولغاچ، تۇرمۇشىمىز كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا، بىز بىكار بولساقلا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، بەختىيار تۇرمۇشنى كۈيلەيمىز. بۇ يىل چاغان ھەممەيلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن شاد-خوراملىققا چۆمگەن، گۈزەل، بەختىيار تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچى ھەسسىلەپ ئاشقان ئاسايىشلىق كۈنلەردە كەلدى. كادىر تۇغقانلىرىمىز بىز بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان بىر يىلدىن بۇيان، ئۇلار بىزنىڭ خۇشاللىقىمىزغا ھەمدەم، دەردىمىزگە دەرمان بولدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغاننى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىمىز بىلەن بىللە تەبرىكلەپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ