تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

بىر ھېكايىدە بىر مۇھەببەت

 مۇبارەك ئىسمائىل

     ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە 2017 – يىلى كەنت – مەھەللىلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ 2156 ئەزاسىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، 4367 مۇنەۋۋەر كادىرنى كۆپەيتىپ، 1018 خىزمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتتى، خىزمەت ئەترىتىدىن 406سى، كادىرلاردىن 2855ى يېڭىدىن كۆپىيىپ، بارلىق مەھەللە، كەنت ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەيدانلىرى، چارۋىچىلىق فېرمىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتى بار بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
      ‹‹تاغامنىڭ يېڭى يىللىق سوۋغىسىغا رەھمەت››
     ‹‹مالال كۆرمەي، بۇ كونۋېرتنى ماڭا تېلېۋىزور سوۋغا قىلغان تاغامغا بېرىپ قويغان بولسىڭىز››.
   1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى توققۇز ياشلىق خەلچەم سېيىت ئاكىسى ئىبراھىمجان سېيىتنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى ‹‹ياڭزىجياڭ›› يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ‹‹خېيلۇڭجياڭ›› مەھەللىسىگە كېلىپ، ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى›› ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە بۇ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1 – شۇجىسى خۇ يەنجياڭنىڭ قولىغا بىر پارچە كونۋېرتنى تۇتقۇزدى.
   كونۋېرتقا تۆت بالىنىڭ بىللە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقان كۆرۈنۈشى تەسۋىرلەنگەن سىزما رەسىم سېلىنغانىدى، رەسىمنىڭ ئۈستىگە ‹‹تاغامنىڭ يېڭى يىللىق سوۋغىسىغا رەھمەت، بىز سۈزۈك چىقىدىغان تېلېۋىزور كۆرەلەيدىغان بولدۇق!›› دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى.
   خەلچەم ئاكا – سىڭىل خۇ يەنجياڭنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى سېيىت ئابدۇرېھىمنىڭ پەرزەنتلىرى ئىدى. سېيىت ئابدۇرېھىمنىڭ ئۆيى ‹‹خېيلۇڭجياڭ›› يولىدا بولۇپ، 18 ياشلىق ئوغلى ئىبراھىمجان سېيىت بىلەن قۇشخانىدا ئىشلەيتتى. ئىبراھىمجان سېيىت ئىشقا چۈشكەن دەسلەپكى نەچچە ئايدا مائاشى 2000 يۈەنگىمۇ يەتمەيتتى. ئىبراھىمجان سېيىت ھەر ئايلىق مائاشىنى ئانىسىغا تاپشۇرىدىغان چاغدا، ئانىسىدىن 200 يۈەننى ئېلىپ قالاتتى ۋە بۇ پۇللارنى نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتماي كۈلۈپلا قوياتتى. بۇ ئىشنى خۇ يەنجياڭ ئۇلارنى يوقلاپ بارغاندا بىلىپ قالدى. ئىبراھىمجان سېيىتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى تېلېۋىزور كونىراپ، ئوچۇق چىقمايدىغان بولۇپ قالغاچقا، ئۇ بۇ پۇللارنى يىغىپ ئىنى – سىڭىللىرىغا يېڭى تېلېۋىزور ئېلىپ بەرمەكچى ئىكەن.
    خۇ يەنجياڭنىڭ خىزمەتدىشى لى جۈەننىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئايگۈل تۇرغۇننىڭ ئۆيىدىكى تېلېۋىزورمۇ كونىراپ قالغانىدى، ئېكراندا سۈرەتنىڭ يېرىمى چىقمايدىغان بولغاچقا، ئايگۈل تۇرغۇننىڭ بەش ياشلىق ئوغلى ئەزىمەت دائىم بۇنىڭدىن دومسىيىپلا يۈرەتتى. ئۇلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى بولمىغاچقا، يېڭى تېلېۋىزور سېتىۋېلىشقا كۆزى قىيمىغانىدى.
    بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، شىنجاڭ ‹‹خېڭشى ۋېيچۇاڭ›› مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يەن يىڭدۇڭ خۇ يەنجياڭدىن يۇقىرىقى ئىشلارنى ئاڭلاپ بەك تەسىرلەندى. يەن يىڭدۇڭ 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى سۇيۇق كىرىستاللىق تېلېۋىزوردىن ئۈچنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارغا سوۋغا قىلدى.
       قەھرىتاندىكى ئىللىقلىق
   _ رەھمەت سىلەرگە، ھاۋانىڭ سوغۇقلىقىغا قارىماي دورا ئەكىلىپ بەردىڭلار ھەم ئۆيىمىزگىچە كېلىپ قان بېسىمىمىزنى ئۆلچەپ قويدۇڭلار، سىلەردىن بەكمۇ مىننەتدار بولدۇم،  دېدى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ گۆھەرتاغ يولى ‹‹يۈنياڭ›› ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق خاسىيەت ھوشۇر مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئەكىلىپ بەرگەن دورىنى ئالغاچ.
   شۇ كۈنى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنت – مەھەللىلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېڭى ئەزالىرىنىڭ مەھەللىگە كەلگەن 2 – كۈنى ئىدى. گۆھەرتاغ مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىلىرى يېڭى ئەزالارنىڭ تەۋەلىك ئەھۋالى، مۇھىتى، ئاھالىلىرى بىلەن تېزدىن تونۇشۇپ چىقىشى، ئالدىنقى يىللىق خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئاھالىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە شىنجاڭ ‹‹جىكاڭ›› تېببىي دورا زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتىدىكى پىدائىيلار، پىدائىي داۋالاش خادىملىرىنى تەشكىللەپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش – ئىللىقلىقنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش›› پاراۋانلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىگەچ، مەھەللىدىكى ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈپ قويدى، ئۇلارغا دائىملىق دورىلارنى بەردى، ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، كېيىنكى قېتىملىق تەكشۈرۈشكە قولايلىق ياراتتى. بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئارقىلىق تەۋەلىكتىكى تېخىمۇ كۆپ تىجارەتچى ۋە ئاھالە پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇتەللىپ ئابدۇقادىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ