12-فېۋرال، ئامېرىكا نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن ۋېستمىنستېر ئىت كۆرگەزمىسىدە، كىشىلەر شىرسىمان ئىتنى تاماشا قىلماقتا. (ۋاڭ يىڭ فوتوسى)
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ۋېستمىنستېر ئىت كۆرگەزمىسىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، بۇ كۆرگەزمە بۇ يىل 142-نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ئىت ساھەسىدىكى يىللىق كاتتا يىغىلىشنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن 200 نەچچە تۈردىكى 2800 ئىت قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىتقا ئامراق كىشىلەر بۇ كاتتا يىغىلىشقا داخىل بولغان.