تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يۇرت ئاتلاپ چىقسىلا، جاھان بەك كەڭرى

  مۇيەسسەر ئاباھامىت، يۈ چياڭفۇ

  4-فېۋرال، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ سانائەت رايونىدىكى شىنجاڭ ‹‹خۇادىي›› كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتىگە زىيارەتكە بارغىنىمىزدا، شىركەتنىڭ باش لىدىرى ۋۇ ۋېنلى كېلىشكەن بىر ئۇيغۇر يىگىتنى باشلاپ كېلىپ، بۇ ئىنىم مەمەتئىمىن مەتقۇربان بولىدۇ، دەپ تونۇشتۇردى.

  مەمەتئىمىن مەتقۇربان كېرىيە ناھىيەسىدىن كەلگەن دېھقان پەرزەنتى ئىكەن، بۇ يىل 20 ياشقا كىرىپتۇ. ئۇ تۇغۇلۇپ تا ھازىرغىچە خوتەننىڭ سىرتىغا چىقىپ باقمىغان ئىكەن، ئۇ بۇلتۇر كېرىيە ناھىيەسىنىڭ يېزا ياشلىرىنى سىرتقا چىقىرىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە توقسۇن ناھىيەسىگە كېلىپ، شىنجاڭ ‹‹خۇادىي›› كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى بوپتۇ ھەم شىركەتنىڭ باش لىدىرى ۋۇ ۋېنلى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىپ، ئاكا – ئىنى قېرىنداشلاردىن بولۇپ قاپتۇ. مەمەتئىمىن مەتقۇرباننىڭ ئائىلىسىدە بەش جان بار ئىكەن، ئۇ بالىلارنىڭ چوڭى ئىكەن. ئائىلىسىنىڭ ئىككى مو يېرى، ئون تۇياق قويى، ئىككى تۇياق كالىسى بار ئىكەن، ئىككى مو يەرگە تېرىغان ئاشلىقى ئۆزلىرىنىڭ يېيىشىگە ئارانلا يېتىدىكەن. ئۇ 2013 – يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، كېرىيە ناھىيەسىدە ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ئايدا 1000 يۈەنچە پۇل تېپىپتۇ. لېكىن دائىملىق ئىش بولمىغاچقا، نەچچە يىلدىن بۇيان تاپقىنى ئۆزىدىن ئېشىنماي، ئازراقمۇ پۇل ئىقتىساد قىلالماپتۇ.

  2017 – يىلى ئىيۇلدا كېرىيە ناھىيەسىدە دېھقان ياشلار سىرتقا چىقىرىپ ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىنغاندا، ئۇ دەرھال بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپتۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەمەتئىمىن مەتقۇربان قاتارلىق 50 ياش توقسۇن ناھىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. توقسۇن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت 12 ياشنى توقسۇن ناھىيەسىنىڭ سانائەت رايونىدىكى شىنجاڭ ‹‹خۇادىي›› كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتىگە تەقسىم قىپتۇ. ياشلار بۇ كارخانىغا كېلىشى بىلەن كارخانا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزۈپتۇ. ئۇلارنىڭ ‹‹بەش خىل سۇغۇرتىسى››نى تاپشۇرۇپ، ئۇلارنى كوللېكتىپ ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ياتاق، تاماقنى ھەقسىز بېرىپ، ئايدا 2000 يۈەندىن مۇقىم مائاش، ۋەزىپىسىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندىسا، ئۈنۈم مائاشى قېتىپ بېرىدىغان بوپتۇ.

  مەمەتئىمىن مەتقۇربان ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: مەن بۇ كارخانىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىنتايىن خۇش بولدۇم. ياتاق، تاماق شارائىتىمىز ياخشى، مۇھىمى، رەھبەرلىرىمىز بىزگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. مەن يېڭى كەلگەن كۈنۈملا باش لىدىر ۋۇ ۋېنلى ئاكام قولۇمغا 300 يۈەننى تۇتقۇزۇپ: ‹‹يېڭى كەلدىڭ، بۇ پۇلغا كەم نەرسىلىرىڭنى ئېلىۋال›› دېگەنىدى. ئۇنىڭغا ‹‹خۇددى بىر تۇغقان ئاكامدەكلا تۇيۇلۇۋاتىسىز...›› دېگىنىمدە، ئۇ كۆڭۈل سۆزۈمنى ئاڭلاپ، ‹‹ئەمىسە ساڭا ئاكا بولاي، سەن ئىنىم بولغىن›› دېگەنىدى. مەن ئۆينىڭ چوڭى بولغاچقا، مېنىڭمۇ ئۆز ئاكام بولسىچۇ دەپ ئويلايتتىم، ھازىر بۇ ئارزۇيۇمغىمۇ يەتتىم.

  دېھقان پەرزەنتى مەمەتئىمىن مەتقۇربان زامانىۋى كارخانىدا مۇقىم مائاشلىق خىزمەتچىگە ئايلىنىپ، تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى. ئۇ تېخنىكا ئۆگىنىپ، كارخانىنىڭ تايانچ كۈچلىرىدىن بولۇشقا تىرىشماقتا. ئۇ ھەر ئايلىق مائاشىنى خەجلەشكە كۆزى قىيماي، گۇرۇپپا باشلىقىغا ساقلاپ بېرىشكە بەردى، تىرىشىپ ئىشلەپ كۆپرەك پۇل يىغىپ، ئىككى سىڭلىسىنى ياخشى ئوقۇتۇش، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى كۆڭلىگە پۈكتى. مەمەتئىمىن مەتقۇرباننىڭ مانتىيورلۇق، سۇ تۇرۇبىسى يوللىرىنى رېمونت قىلىشتىن ئاز – تولا خەۋىرى بارلىقىنى كۆرگەن ئاكىسى ۋۇ ۋېنلى ئۇنى دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ياخشى ئۆگەنسىلا، ئىچكىرى ئۆلكىگە ئەۋەتىپ، كارخانىنىڭ ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنى رېمونت قىلىش كەسپى بويىچە مەخسۇس تەربىيەلىمەكچى بولدى. مەمەتئىمىن بۇلتۇر 7 – ئايدا كېرىيە ناھىيەسىدىن بىللە كېلىپ، توقسۇندا تونۇشۇپ قالغان قىز دوستى بىلەن ئىشتىن چۈشكەندە بىللە دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. ئۇلار ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئىشلەپ، ئائىلىسىنى بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن، ئاكىسى ۋۇ ۋېنلى ئۇلارغا بىنادىن ئۆي ئېلىپ بېرىپ، تويىنى قىلىپ قويىدىغان بولدى.

  كېرەمجان مۇتەللىپمۇ كېرىيە ناھىيەسىدىن، ئۇ توي قىلغان بولسىمۇ، ئاتا – ئانىسى بىلەن ئۆي ئايرىمىغانىدى. ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بولغاچقا، ئۇلار ئائىلە ئىقتىسادىنى ئايرىماي، ئاتا – ئانىسى بىلەن تاپقاننى تەڭ يەپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئۇنىڭ ھازىر ‹‹خۇادىي›› كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەۋاتقىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشتى، خىزمەتداشلىرىنىڭ ياردىمىدە ئۇنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى سەۋىيەسىمۇ كۈندىن – كۈنگە ئۆسۈۋاتىدۇ. بۇ يەردە ئۇ قىلىدىغان ئىش، تاپىدىغان پۇل، ئۆگىنىدىغان تېخنىكا بار. ئۇ ئۇزاق مۇددەت ‹‹خۇادىي›› كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەپ تېخنىكا ئۆگىنىپ، جىقراق پۇل تېپىش قارارىغا كەلدى.

  قۇدۇقنىڭ ئىچىدىكى پاقىدەك ئاسمانغا قاراپ، جاھان مۇشۇنچىلىك دېمەي، يۇرت ئاتلاپ ئۆيدىن چىقسىلا، جاھان بەك كەڭرى. ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچ يىلدا قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىن 100 مىڭ ئادەمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەمەتئىمىن بىلەن كېرەمجان دەل مۇشۇ ياخشى سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە نەپكە ئېرىشكەن ياشلاردىن ھېسابلىنىدۇ، بۇ سىياسەت بىلەن ئۇلارنىڭ ھايات مۇساپىسى ۋە تەقدىرىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ