تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قىشلىق تەتىلدىكى ئالدىراش ئىستۇدېنتلار

  مۇيەسسەرئاباھامىت، يۈ چياڭفۇ، لۇ ۋېيچۈن

  چاغان يېقىنلىشىپ قالدى، تۇرپان شەھىرىنىڭ جاي – جايلىرىدىكى قىشلىق تەتىل قىلىپ يۇرتىغا قايتقان ئىستۇدېنتلار ھەر خىل تېمىدىكى ئەدەبىيات – سەنئەت كېچىلىكلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، زىمىستان قىشنى باشقىچە ئىللىقلىققا چۆمدۈردى.

  2-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرى باغرى مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر مۇلازىمەت زالىدا پات – پات ئالقىش ۋە كۈلكە سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، بۇ يەردە مەھەللىدىكى قىشلىق تەتىلدە يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ئىستۇدېنتلار ‹‹گۈزەل ۋەتىنىمىزنى كۈيلەپ، ئىناق يۇرت – ماكان قۇرۇپ چىقايلى›› تېمىسىدا ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. ئوت يۈرەك ياشلارنىڭ مول مەزمۇنلۇق نومۇرلىرى مەھەللە ئاھالىلىرىنى جەلپ قىلغانىدى. ئۇلۇغ ۋەتەن، پارتىيە، ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇش كۈيلەنگەن نومۇرلارنى كۆرگەن ئاھالىلەر مەھەللىسىدىن چىققان بۇ ئىستۇدېنتلاردىن مەمنۇن بولۇپ، ئۇلارنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى كۆرگەندەك بولدى.

  مەن بىر ئىستۇدېنت، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدى، كەلگۈسىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىققۇچىلارنىڭ بىرى. مەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەر قانداق ئىشقا جان – جەھلىم بىلەن قارشى تۇرىمەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە سادىق بولۇپ، پارتىيە ماڭا يارىتىپ بەرگەن ياخشى ئوقۇش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىمەن، ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن مەكتەپتە ۋە مەھەللەمدە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن... دېدى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى گۈلپىيە غاپپار دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ.

  بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە تۇرپان شەھىرىدىكى 3000 غا يېقىن يۇرتىغا قايتقان ئىستۇدېنت تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، يېزا – بازار، كەنت، مەھەللىلەرگە بېرىپ، خىزمەت ئەترەتلىرىدىكى كادىرلارغا ياردەملەشتى، ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. كەنت، مەھەللىلەردە ئارخىپ ماتېرىياللارنى رەتلەش، ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سىردىشىش بىلەن بىللە، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى، ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىكى كۆرگەن – بىلگەنلىرىنى، ئەۋزەل ئوقۇش شارائىتلىرىنى، پارتىيە – ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا قىلىۋاتقان غەمخورلۇقلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئىستۇدېنتلار بۇ جەرياندا ھەر خىل ئەمەلىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، تۇرمۇش ئۆگەندى، ھەر تەرەپتىن ئۆزىنى تاۋلاپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى چۈشەندى. ئاساسىي قاتلام تۇرپان شەھىرىدىكى ئىستۇدېنتلارنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىپ، بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان ياخشى سورۇنى بولدى. ئىستۇدېنتلار ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قوغداپ، تۇرپان شەھىرىدە گۈزەل يېزا – بازار قۇرۇپ چىقىش نىيىتىگە كەلدى ھەم تەتىلدىكى مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  سانجى ئىنستىتۇتىنىڭ 3 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى رىزۋانگۈل غىياسىدىن ئۈزۈمچىلىك بازىرىدىكى ئىستۇدېنتلارنىڭ بىرى، مەھەللە ۋاقىتلىق ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى. ئۇ 20-يانۋار تەتىل قىلىپ كەلگەندىن بۇيان، مەھەللىسىدە ھەرخىل ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۈزۈمچىلىك بازىرىدا تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان 302 ئىستۇدېنت بار، ئۈزۈمچىلىك بازارلىق پارتكوم ئۈندىداردا مەخسۇس ‹‹<قىزىل ئۈزۈم> يۇرتىغا قايتقان ئىستۇدېنتلار ئالاقە توپى›› قۇرۇپ، تەتىلدە قايتىپ كەلگەن ئىستۇدېنتلارنىڭ ئالاقىلىشىشىگە قولايلىق ياراتتى.

  شۇ كۈنى ئىستۇدېنتلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نادىر سەنئەت نومۇرىدىن 11نى تەييارلاپ، ھەرقايسىسى ئۆز ماھارىتىنى كۆرسەتتى. ئۆزلىرى ئىجاد قىلىپ، ئۆزلىرى ئورۇنلىغان سەرخىل نومۇرلار مەھەللە ئاھالىلىرىنى تەسىرلەندۈردى، بولۇپمۇ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈش پائالىيىتىدە ئىستۇدېنتلار قەلب سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىپ، چىن كۆڭلىدىن قەسەم بەردى.

  باغرى مەھەللىسىدىكى مەريەمگۈل ئابدۇكېرەم نىڭشيا مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ كەسپى 1 – يىللىقىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. ئۇ تەتىلدە يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن يېرىم ئايدىن بۇيان، بازاردا ئېچىلغان تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارنىڭ ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىشىگە ياردەملەشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن نەپكە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ بىرى، مەن مەكتەپتە ئۆتۈلگەن پارتىيە دەرسىدە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى دىققەت بىلەن ئۆگىنىپ، روھىي ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۇرتداشلىرىمغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزدۈم. ئۆزۈمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپەمنى، مەكتەپتىكى ھەر مىللەت ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان خۇشال كۈنلىرىمنى، خەنزۇ ياتاقدىشىم بىلەن بولغان تەسىرلىك دوستلۇق ھېكايەمنى، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى يۇرتداشلىرىمغا سۆزلەپ بەردىم. كۆپچىلىك بەك قىزىقىپ ئاڭلىدى، كەنتتىكى بالىلار ۋە يۇرتداشلار مېنىڭ ئىچكىرىدە چۈشكەن سۈرەتلىرىمنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇش بولدى. ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنى چوقۇم ياخشى ئوقۇتۇپ، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا ئەۋەتىش قارارىغا كەلسە، بالىلار ماڭا ھەۋەس قىلىشتى. مەن ئوقۇشقا ماڭغاندا ئۆيلىرىمىز كېسەكتە سېلىنغان كونا ئۆي ئىدى. تەتىلدە كېلىپ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا كونا ئۆيىمىزنىڭ ئىككى قەۋەتلىك يېڭى ئۆيگە ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرۈپ قەۋەتلا خۇش بولدۇم. بۇنىڭدىن كېيىن ئائىلەمدىكىلەر 2 – قەۋەتتە يېتىپ – قوپۇپ، 1 – قەۋەتتە ئاشخانا ئىچىپ كۈنلىرىمىز تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كەتكۈدەك. مەھەللەمدىكى ئىنى – سىڭىللىرىمنىڭ مېنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىم ئارقىلىق ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ئۆز غايىلىرىنى قاناتلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئۈزۈمچىلىك بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋ خۇەيگۇاڭ مۇنداق دېدى: تەتىل قىلىپ يۇرتىغا قايتقان ئىستۇدېنتلارنىڭ ھەممىسى قوش تىل ئىختىساسلىقلىرى، ئۇنىۋېرسال ساپاسى يۇقىرى، ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆز ئالاھىدىلىكى بويىچە كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، رولىنى ناھايىتى ياخشى جارى قىلدۇردى. ئىستۇدېنتلار ياش، ئەقىللىق، ئىدىيەسى ئىلغار، ھەر خىل يېڭى تاراتقۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدۇ. بىز ئۈندىدار توپى، QQ توپى ئارقىلىق ئىستۇدېنتلارنى زۆرۈر بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ داۋالىنىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ يۇرتىغا قايتىپ، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇپ چىقىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى ئاشۇردۇق.

  ئۇقۇشىمىزچە، تۇرپان شەھىرى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، قىشلىق تەتىل قىلىپ يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتكەن، ئۇلارنى ئەمەلىيەت داۋامىدا جەمئىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇرتىنى چۈشىنىش، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تۇرغۇزۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرى قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ