تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

تۇغقانلار يېقىنلاشتى، قىيىنچىلىق ئاسانلاشتى

   مۇيەسسەر خېلىل

  توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى مىڭلىغان كادىر ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى بويىچە، ھەر قايسى يېزا – بازار – مەيدانلاردىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، تۇغقانلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولدى، سىرداشتى، تۇغقانلىرىنىڭ تۇرمۇشتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بەردى، تۇغقانلىرىغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدىكى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالاش، مائارىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت مەزمۇنلارنى، قانۇن – تۈزۈم، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرىنى جانلىق، چۈشىنىشلىك، ئاممىباب سۆز – ئىبارىلەر بىلەن تەشۋىق قىلىپ، تۇغقاندارچىلىق مېھرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. ناھىيەلىك رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كادىرلىرى بۇ پائالىيەتنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتتى.

  2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ھاۋا قاتتىق سوغۇق ئىدى، شۇنداق بولسىمۇ، تاشتۆپە يېزىسىنىڭ باقىباي كەنتى 3 – گۇرۇپپىسىدىكى ۋاڭ چياڭنىڭ ئۆيى ئىللىقلىققا تولغانىدى. ۋاڭ چياڭ سىرتقا ئىشلەشكە كەتكەن بولۇپ، ئۆيدە خوتۇنى ياڭ مېي بار ئىدى. ناھىيەلىك رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كادىرلىرى گۈزەلنۇر، خەيرىنسالار ياڭ مېي بىلەن بىرلىكتە لەڭمەن ئەتتى. ئۇلار ئوخشىغان لەڭمەننى مەززە قىلىپ يېيىشكەندىن كېيىن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى ئوقۇپ، مۇھىم نۇقتىلارنى مۇزاكىرە قىلدى، ئاندىن ياڭ مېينىڭ ئۈچ قىزى رەسىم سىزدى. ئۇلار سىزغان رەسىمىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، مەنىسى چوڭقۇر ئىدى. ياڭ مېي مۇنداق دېدى: ئىككى ئۇيغۇر ھەدەم بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەندىن بۇيان ھەركۈنى قورۇ تازىلاش، بالىنى يەسلىگە ئاپىرىش، تاماق ئېتىش ئىشلىرىمغا ياردەملەشتى. بۇ جەرياندا ئۆزئارا سىردىشىپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. ئۇلار ئۇنىمىغىنىمغا قويماي ئېغىرىمنى يېنىكلەتتى. مۇشۇنداق ھەدىلىرىمنىڭ بولغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇم. ئەمدى بالىلىرىمىزنى ئۆزئارا تونۇشتۇرۇپ قويايلى دەۋاتىمىز. مۇشۇنداق قىلساق مۇناسىۋىتىمىز مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.

  خەيرىنسا مۇنداق دېدى: ياڭ مېي ھەر كۈنى خۇيزۇ مىللىتىنىڭ تەملىك تائاملىرىنى ئېتىپ بېرىپ، بىزنى ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋالدى. بۇ جەرياندا تۇغقاندارچىلىق رىشتىمىز چىڭىدى. بىز چوقۇم تۇغقاندارچىلىقنى قەدىرلەيمىز.

  2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى سوغۇق يەنىلا جاندىن ئۆتەتتى. لېكىن باقىباي كەنتنىڭ 1 – گۇرۇپپىسىدىكى يارمەمەت ناماننىڭ ئۆيى ئىللىق ئىدى. 30 دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى توغرىسىدىكى لېكسىيەنى ئاڭلاش ئۈچۈن بۇ ئۆيگە يىغىلغانىدى. ئۇنىڭ تۆت ياشلىق نەۋرىسى خەنزۇ تاغىسى ئەكەلگەن چىرايلىق كىيىمنى كىيىپ، بوۋىسىنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇراتتى. ناھىيەلىك رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كادىرلىرى باقىباي كەنتىنىڭ قىياپىتى، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ روھىي ھالىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەزمۇنى نېمە؟ يېڭى دەۋردە بىز زادى قانداق قىلىمىز؟ قايسى يولدا ماڭىمىز؟ قانداق بايراقنى ئېگىز كۆتۈرىمىز؟ نېمە ئۈچۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىمىز؟ دېگەن مەزمۇنلارنى قايىل قىلارلىق، جانلىق، ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ئاددىي، چۈشىنىشلىك تىلدا سۆزلەپ، ئۇلارنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى. يارمەمەت نامان مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى بۇ لېكسىيە يۈرەكنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە باردى. ھازىر پارتىيەنىڭ سىياسىتى ناھايىتى ياخشى. بۇلتۇر ئۆي سالغاندا ھۆكۈمەت 38 مىڭ 500 يۈەن تولۇقلىما بەردى، كومبايىن سېتىۋالغاندىمۇ شۇنداق بولدى. كوچىلىرىمىز ئىشىك ئالدىغىچە ئاسفالتلاشتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ۋە كەنت كادىرلىرى ھەر كۈنى ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىمىزدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىۋاتىدۇ. مۇشۇ نەچچە كۈندىن بېرى ئۈچ خەنزۇ تۇغقىنىم بىز بىلەن تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇۋاتىدۇ. بىز خۇددىي بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتتۇق. ئارىلىقىمىز يېقىنلىشىپ، قىيىنچىلىقىمىز ئاسانلاشتى، شۇڭا پارتىيەگە چەكسىز مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.

  كەنت ئاھالىسى ۋاڭ جىلى مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدە كەنتىمىزدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. يوللارنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۆيلەر يېڭىلىنىپ، مەنزىرە دەرەخلىرى تىكىلىپ، پاكىز، ئازادە، قولايلىق تۇرمۇش موھىتىغا ئېرىشتۇق. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا تېخىمۇ ياخشى سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. بۇنىڭدىن كېيىن تۇرمۇشىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  قىسقىغىنە ئالتە كۈن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى. كادىرلار نۇرغۇن نەرسىنى ئۆگەندى ۋە تۇغقانلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ مېھىرلىك قەلبى، چوڭقۇر دوستلۇقىنى قالدۇرۇپ كەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ