تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا–كەنت يەسلىلىرى بالىلىرىمىزنىڭ شادلىق باغچىسىغا ئايلانغۇسى

  ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم

  ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تا مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش، يەسلى مائارىپى ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى ئوقۇتۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە يېزا – كەنتلەردىكى ‹‹قوش تىل››لىق يەسلىلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››نى مۇزاكىرە قىلغاندا، يۇقىرىقى مەسىلىلەر توغرىسىدا قىزغىن پىكىر بايان قىلدى.

  سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقچى ناھىيەلىك 3 – يەسلىنىڭ باشلىقى گۈلزىننەت تۆكەن مۇنداق دېدى: مەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شۇنداقلا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى ئەزاسى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ۋە بۇ نۆۋەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››دىكى ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تا مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا بىرقاتار بايانلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ بايانلار ماڭا چەكسىز ئىلھام ۋە زور كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلدى. مەن 2004 – يىلى قىزىلسۇ پېداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ، ئاقچى ناھىيەلىك يەسلىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقانىدىم. ئۇ چاغدا ناھىيەمىز بويىچە پەقەت بىرلا يەسلى بار بولۇپ، ئوقۇغۇچىسى 280 ئەتراپىدا ئىدى، ئوقۇغۇچى سانىنىڭ بۇنداق ئاز بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئاتا – ئانىلاردا ئىدى. نۇرغۇن ئاتا – ئانىنىڭ يەسلى مائارىپىغا بولغان تونۇشى يېتەرلىك بولمىغاچقا، بالىلارنى بىۋاسىتە مەكتەپكە بەرسەكلا بولىدىغۇ، يەسلىگە بېرىشنىڭ نېمە ھاجىتى، دەپ قارايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەسلىلەر ئېيىغا 150 يۈەن ئەتراپىدا ھەق ئالغاچقا، يەنە نۇرغۇن ئاتا – ئانىنىڭ بۇ پۇلنى تۆلەشكە قۇربى يەتمەيتتى. 2013 – يىلىدىن باشلاپ، ناھىيەمىزدە پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن ماس قەدەمدە يەسلى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، ھازىر مەن ئىشلەۋاتقان ئاقچى ناھىيەلىك 3 – يەسلىمۇ جياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرىنىڭ 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغانىدى. 2016 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز يەسلى بالىلىرىنى ھەقسىز ئوقۇتۇشنى يولغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن يەسلىلەردىكى بالىلارنىڭ سانىمۇ تېزدىن كۆپەيدى. مانا ھازىر ناھىيەمىزدە قۇرۇلغان يەسلى 13 كە، بۇ يەسلىلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر، خەنزۇ، قىرغىز، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق ھەر مىللەت بالىلىرى 3000دىن ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاقچى ناھىيەلىك 3 – يەسلىدە ئوقۇۋاتقان ھەر مىللەت بالىلىرى 400 دىن، ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار 40 تىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ناھىيەمىزدىكى يەسلىلەرنىڭ شارائىتىمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئويۇنچۇق، كومپيۇتېر، چالغۇ ئەسۋاب ۋە بالىلارغا خاس تەنھەرىكەت ئەسلىھەلىرى تولۇق، شارائىت جەھەتتە چوڭ شەھەرلەردىكى يەسلىلەردىن قىلچىمۇ قېلىشمايدۇ. ئىلگىرى بىز ئاتا – ئانىلارغا يالۋۇرۇپمۇ بالىلىرىنى يەسلىگە ئەكېلەلمەيتتۇق، مانا ھازىر يەسلىلەردە ئوقۇش ھەقسىز، تاماق ھەقسىز، شارائىتى ياخشى، ئۈسكۈنىلەر تولۇق بولغاچقا، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ بالىلىرىنى يەسلىدە ئوقۇتۇش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى.

   ئەزا گۈلزىننەت تۆكەن يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت يېزا – كەنتلەردىكى يەسلىلەرنىڭ قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. ناھىيەمىزدىكى يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇشى شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق جايلارغا قىسقا مۇددەتلىك ئۆگىنىشكە ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. مەنمۇ تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ۋۇشى شەھىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يەسلىلەردە قىسقا مۇددەت تەربىيەلىنىپ، كەسپىي جەھەتتە زور ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتىم. يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ساپاسى ئۆسكەندىلا، كەلگۈسىمىزنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزلىرى بولغان بالىلىرىمىز يەسلىدىن ئىبارەت بۇ شاتلىق باغچىسىدا ساغلام ھەم شاد – خۇرام ئۆسۈپ – يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ