تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك، ئاسمىنى كۆك گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز

  ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم

  مۇھىت ئاسراش نۆۋەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان چوڭ ئىش. ئۇنداقتا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىدە قانداق نەتىجىلەر قولغا كەلدى؟ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ جەھەتتە يەنە قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ؟ مەن بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب تېپىش مەقسىتىدە، سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر ئورازبېك رەسۇلقاننى زىيارەت قىلدىم.

  ئەزا ئورازبېك رەسۇلقان مۇنداق دېدى: ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تا بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە قارىتا كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، بۇ، بىزنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش خىزمىتىمىزنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى يېتەكچىلىككە ئىگە قىلدى.

  ئەزا ئورازبېك رەسۇلقان مۇھىت ئاسراش ساھەسىدە بۇنىڭدىن كېيىن ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بىرىنچى، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بۇ گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. بىز ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېشىل تەرەققىياتنى تېزلىتىشنى نىشان قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ‹‹ئېكولوگىيەلىك مۇھاپىزەت قىزىل سىزىقى، مۇھىت سۈپىتىنىڭ تۆۋەن چەك سىزىقى، بايلىقتىن پايدىلىنىشنىڭ يۇقىرى چەك سىزىقى، مۇھىت ئىجازىتىنىڭ سەلبىي تىزىملىكى››دىن ئىبارەت چەكلەش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە ساياھەتچىلىكى قاتارلىق يېشىل كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى يادرولۇق رايونىنىڭ يېشىللىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرىمىز. ئىككىنچى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىت ئاسراش جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىمىز. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم مەسىلە. شۇڭا، نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بۇلغىما تۈزەش بويىچە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىمالىي شىنجاڭدىكى شەھەرلەرنىڭ قىشلىق پار بېرىش مەزگىلىدىكى ھاۋا بۇلغىنىشىنى تۈزەش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شەھەرلەرنىڭ ئەتىياز ۋە ياز پەسلىدىكى چاڭ – توزاندىن بۇلغىنىشىنى تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھاۋانىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز؛ ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىپ، مۇھاپىزەت قىلىشنى ئالدىن يولغا قويۇپ، تۇپراق بۇلغىنىشىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، تېرىلغۇ يەر مۇھىتىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېرىلغۇ يەرلەردىن بىخەتەر پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىمىز؛ يېزىلارنىڭ مۇھىت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاپ، يېزىلاردىكى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە سېلىنىدىغان مەبلەغنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. ئۈچىنچى، سىستېمىلىق قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، رايونلارنىڭ ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسىنى ئاسرايمىز. بۇ گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىشتىكى كەلگۈسى چوڭ پىلان ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئېكولوگىيەلىك مۇھاپىزەت قىزىل سىزىقىنى بېكىتىشنى تېزلىتىپ، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالتاي تېغى، ئالتۇنتاغ، تەڭرىتاغ ۋە تارىم دەرياسى ۋادىسى، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، ئېرتىش دەرياسى ۋادىسىدىن ئىبارەت تاغ – دەريا سىستېمىسىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، رايون ئېكولوگىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز. تۆتىنچى، باشقۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. بۇ گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىشنىڭ تۈزۈلمە كاپالىتى ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا بىز ئاپتونوم رايوننىڭ بەش يىللىق مۇھىت ئاسراش ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، يەرلىك بىلەن بىڭتۈەننىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىنىدىغان، خىزمەت بىلەن ھوقۇق ئېنىق ئايرىلغان، قائىدە ۋە نىشان ئوخشاش بولغان، مەسئۇلىيەت ئەمەلىيلەشكەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ‹‹يەرلىك بىلەن بىڭتۈەن مۇھىت ئاسراشتا بىر تاختا شاھمات بولۇش››تىن ئىبارەت خىزمەت ئەندىزىسىنى يولغا قويىمىز؛ مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، مۇھىت ئاسراش بويىچە ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش نازارەتچىلىك تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىمىز؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇھىت ئاسراش ئاپپاراتلىرىدا مۇھىتنى كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىشقا دائىر قانۇنلارنى ئىجرا قىلىش جەھەتتە تىك لىنىيەلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، سىستېما بىلەن بۆلەك بىرلەشتۈرۈلگەن، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئېنىق ئايرىلغان، كاپالىتى كۈچلۈك، نوپۇزى يۇقىرى بولغان مۇھىت ئاسراش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىمىز. بىز يۇقىرىقى خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىسەك، تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك، ئاسمىنى كۆك گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش نىشانىغا ئوڭۇشلۇق يېتەلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ