چىرا ناھىيە مازاركۆل كەنتىدىكى ياشلار 18- يانۋار كەنت مەدەنىيەت ئۆيىدە «دىنىي ئەسەبىيلىكنى چەكلەش» مەزمۇنىدىكى تەشۋىقاتنى كۆرمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان مەتقۇربان خەۋىرى، فوتوسى:چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا يېزىسى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان تۈرلۈك شەكىلدىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش دولقۇنى قوزغاپ، ياشلارنى ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى تىرىشىپ ئىشلەپ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە، بىرەر ھۈنەر ياكى كەسىپ ئىگىلەپ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشقا سەپەرۋەر قىلدى.