ماكران دېڭىز جىلغىسى تەۋەلىكىدە سۈرەتكە تارتىلغان دېڭىز قۇشى ( 16-يانۋار سۈرەتكە تارتىلغان).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز تەتقىقات ئورنى «تەجرىبە 3-نومۇرلۇق» نومۇرلۇق پەن تەتقىقات پاراخوتىغا ئەگىشىپ شىمالىي ھىندى ئوكياننىڭ ماكران دېڭىز جىلغىسىغا كەلگەندىن بۇيان، بۇ سىرلىق ھەم ناتونۇش دېڭىز مۇخبىرغا ئاجايىپ چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. سەپەر جەريانىدا دېڭىز قۇشلىرى يولبويى ئۇلارغا ھەمراھ بولدى، دېلفىنلار ھېلىدىن-ھېلىغا سۇ يۈزىدە ئويناقشىپ، يىراقتىن نەزەر تاشلىغاندا، ئۇلارنىڭ قارا كۆلەڭگىسى، چەبدەس ھەرىكەتلىرى تىنچ دېڭىز يۈزىنى جانلاندۇرغان ئىدى.
(جاڭ جيەنسۇڭ فوتوسى)