تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىزدەشكەنسېرى تۇغقاندارچىلىق مېھرى كۈچەيدى

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ يايۈن

  كۆڭۈلدىكى گەپلەرنى دېيىشىش، خۇشال – خۇرام ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش... ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتىنىڭ يىغىن زالى 1 – ئاينىڭ 16 – كۈنى چۈشتىن كېيىن شاد – خۇراملىققا تولغانىدى، چاۋاك ئاۋازى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك››، دەپ كۆرسەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى بەشكەنت بازىرىنىڭ ئالتە كەنتىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقانلارنىڭ 19 ۋەكىلىنى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلدى.

  بۇ تۇغقانلار 1 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن بۇيان تۇغقانلىرى بىلەن ھال – مۇڭ بولۇشتى، ئۈرۈمچى شەھىرىنى ئايلاندى، 1 – ئاينىڭ 16 – كۈنى چۈشتىن كېيىن بىر يەرگە جەم بولۇپ، دوستلۇقىنى ئورتاق ئىزھار قىلىشتى.

  ــــ مەن سىلەرگە تۇغقىنىم بىلەن قانداق تونۇشقانلىقىمنى سۆزلەپ بېرەي، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مېنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇغقىنىم بار بولدى، تۇغقىنىمنىڭ ئىسمى ۋاڭ مىڭجۇ، ـــ دېدى 24 ياشلىق ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى راۋان خەنزۇ تىلىدا، كۆپچىلىك ئۇنى قىزغىن ئالقىشلىدى. كۆپچىلىك تۇغقانلىرى بىلەن تونۇشۇش جەريانىنى، ئەتراپىدىكى ھېكايە ۋە ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى زېمىن بايلىقى ئۇچۇر مەركىزىدىكى ئالىي ئىنژېنېر جۇ بىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل يازلىق تەتىلدە، بالامنى ئېلىپ ئابلىمىت ئابلىزنىڭ ئۆيىدە بىر قانچە كۈن تۇرۇپ، بالامغا يېزا تۇرمۇشىنى ھېس قىلدۇرىمەن، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، تۇغقانلار بىلەن ئىزدەشكەنسېرى تۇغقاندارچىلىق مېھرىمىز كۈچەيدى، كۆڭلىمىز تېخىمۇ يېقىنلاشتى، دوستلار يىغىلىشىدا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تۇغقىنىم توغرۇلۇق سۆزلىشىمنى خالايدۇ، ھازىر مېنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغان ئىش ھېيت – بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە تۇغقىنىمنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلىش بولۇپ قالدى.

  ـــ باش شۇجىغا رەھمەت، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىزگە ياخشى تۇغقان ئەۋەتكەنلىكىگە رەھمەت. قايتىپ بارغاندىن كېيىن، بۇ يەردە كۆرگەن مەنزىرىلەر ۋە يېڭى ئويۇمنى ئەتراپىمدىكى ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىم ۋە يۇرتداشلىرىمغا ئېيتىپ بېرىمەن، بىز ئۈرۈمچىدە نۇرغۇنلىغان يېڭى ئۆزگىرىش ۋە يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى كۆردۇق، بىزنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى، ــ دېدى يان تېلېفوندا توختىماي سۈرەت تارتىۋاتقان يۈسۈپقادىر داۋۇت.

  ـــ كېيىن بىز يەنە باشقا تۇغقانلارنى ئۈرۈمچىگە كېلىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىمىز. ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر تۇغقانلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، تۇغقانلىرىنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىگىلەپ، تۇغقاندارچىلىق مېھرىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى، ــ دېدى ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇدىرى فېڭ جىلياڭ.

  بۇ قېتىم تۇغقانلار ئۈرۈمچى ۋوگزالى (يولۇچىلار يېڭى ۋوگزالى)، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن سىرت، يەنە ئۆزلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى ئورگىنى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى 418 كادىر، ئىشچى – خىزمەتچى بەشكەنت بازىرىنىڭ توققۇز كەنتىدىكى 418 ئاھالە بىلەن تۇغقانلاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ