ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 5-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ تېننېسى ئىشتاتىدىكى بىر جۈپ ياشنىڭ توي سۈرىتى توردا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. ئىككىيلەن توي سۈرىتى چۈشۈشتە ئەنئەنىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مۇز تۇتقان شارقىراتما ئالدىدا رومانتىك سۈرەتكە چۈشۈپ، ئاجايىپ گۈزەل خاتىرىلەرنى قالدۇرغان.
جوش مورىس ۋە مورگان دايې بۇ يىل ماي ئايلىرىدا توي قىلىشنى پىلانلىغان. ئىلگىرى ئىككىيلەن تېننېسى ئىشتاتىدىكى تۇ دەرياسى شارقىراتمىسىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ توي سۈرىتى چۈشۈشنى ئويلىغان. ئۇلار توي سۈرىتى چۈشۈش ئۈچۈن شارقىراتما ئالدىغا كەلگەندە بولسا تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن شارقىراتمىنىڭ پۈتۈنلەي توڭلاپ قېلىپ، ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغانلىقىنى كۆرگەن.
بۇ سۈرەتلەرنى تارتقان فوتوگراف كەرىينىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سۈرەتلەرنى تارتقان ۋاقىتتا تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ئۈچ سېلسىيە گىرادۇس ئىكەن، ئۇلار بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن ھەر خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە تەييارلىقىنى پۇختا ئىشلىگەن بولسىمۇ، مۇز ئۈستىدە ئۆرە تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشۈشتە يېقىلىپ چۈشكەن، شۇنداقتىمۇ ئۇلار بۇ سۈرەتلەردىن ئىنتايىن رازى بولغان.